شىجىنپىڭنىڭ ئامرىكىدىكى زىيارىتى
  • شى جىنپىڭ ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋە ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئائىت بىر يۈرۈش باشلىقلار يىغىنىنى تۈگىتىپ قايتىپ

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، بېيجىڭ ، 29 - سېنتەبىر تېلېگراممىسى . دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋە ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئائىت بىر يۈرۈش باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ ، 29 - سېنتەبىر بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى . رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى ، مەركەز بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لى جەنشۇ ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىقلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى . دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28 - سېنتەبىر ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى باش ئىشتابىدا ب د ت تىنچلىقنى ساقلاش باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى . شۇ يەر ۋاقتى 28 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ، شى جىنپىڭ نيۇيوركتىن ئايرىلىپ ، جۇڭگوغا قايتتى . ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى باۋكۇس قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

  • شى جىنپىڭ بېنگال زۇڭلىسى خاسىنا بىلەن كۆرۈشتى

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ يەر ۋاقتى 26- سېنتەبىر نيۇيوركتا بېنگال زۇڭلىسى خاسىنا بىلەن كۆرۈشتى شىنخۇا تورى ، نيۇيورك ، 26- سېنتەبىر تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ يەر ۋاقتى 26- سېنتەبىر نيۇيوركتا بېنگال زۇڭلىسى خاسىنا بىلەن كۆرۈشتى . شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بېنگالنى جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ھىندى ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكى دەپ قارايدۇ ھەمدە بېنگال بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى ساقلاپ ، سودا ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى ، ئېنېرگىيە ئېچىش ، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ . ئىككى تەرەپ يەنە زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلەردە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى ساقلىشى كېرەك . جۇڭگو بېنگالنى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە قوللاشنى خالايدۇ . شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى : نۆۋەتتە ، جۇڭگو ‹‹ بىر بەلباغ ، بىر يول ›› قۇرۇلۇشى تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بېنگالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ قوشنىلار ۋە دوستلارنىڭ بۇ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ . جۇڭگو جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بېنگالدا مەبلەغ سېلىشىنى قوللايدۇ ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش توغرىسىدا كېڭىشىپ بېكىتىشىنى خالايدۇ . خاسىنا مۇنداق دېدى : بېنگال جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بېنگالنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ كەلگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ . مەن رەئىس شى جىنپىڭ بۈگۈن رىياسەتچىلىك قىلغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن خۇشالمەن . جۇڭگو يىغىندا جاكارلىغان مۇھىم تەدبىرلەر ، بېنگالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى . بېنگال جۇڭگو بىلەن ئىقتىساد ، سودا ، پۇل-مۇئامىلە ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ، مەدەنىيەت ساھەسىدە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش ۋە ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ ، بېنگال ، جۇڭگو ، ھىندىستان ، بېرما ئىقتىساد كارېدورى قۇرۇلۇشى رامكىسىدىكى ھەمكارلىققا پائال قاتنىشىدۇ .

  • شى جىنپىڭ 70-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشتى

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28- سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇيوركتىكى باش ئىشتابىدا 70- نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشتى ھەمدە ‹‹ ھەمكارلىشىپ ئورتاق گۈللىنىشتىكى يېڭى شېرىكلەردىن ، قەلبداشلاردىن بولۇپ ، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلايلى ›› دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى .

  • پېڭ لىيۈەن بېتخوۋىن ۋە موزاتنىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ ‹‹بەكمۇ قىممەتلىك ئىكەن›› دەپ ماختىدى

    رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەن 28- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن نيۇيوركتىكى جۇلىيا ئىنىستىتۇتىغا كەلگەندە ، داڭلىق مۇزىكانت بېتخوۋىن ۋە موزاتنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆردى . ئۇ قوليازمىلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرگەندىن كېيىن ‹‹ بەكمۇ قىممەتلىك ئەسەرلەر ئىكەن ›› دەپ ماختىدى . ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ جۇلىيا ئىنىستىتۇتى مۇزىكا تارىخىغا ۋارىسلىق قىلغان ، مۇنەۋۋەر مۇزىكانتلارنى تەربىيەلەپ چىقىدىغان جاي ئىكەن ، ئىنىستىتۇتنى ھەتتا سەنئەت مائارىپىنىڭ نەمۇنىسى دېسەكمۇ بولىدىكەن ›› .

  • شى جىنپىڭ نيۇيوركتا گرېتسىيە زۇڭلىسى سىپراس بىلەن كۆرۈشتى

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28- سېنتەبىر نيۇيوركتا گرېتسىيە زۇڭلىسى سىپراس بىلەن كۆرۈشتى . شىنخۇا تورى ، نيۇيورك ، 28- سېنتەبىر تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-سېنتەبىر نيۇيوركتا گرېتسىيە زۇڭلىسى سىپراس بىلەن كۆرۈشتى . شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : گرېتسىيە جۇڭگونىڭ ياخشى دوستى ، ياخشى شېرىكى . دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 43 يىلدىن بۇيان ، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ، ئۆزئارا ئىشىنىش، سەمىمىي ياردەم بېرىش ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ، ھەمكارلىشىپ تەڭ بېيىشتا چىڭ تۇردى ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر ساغلام ، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى . نۆۋەتتە ، جۇڭگو-گرېتسىيە مۇناسۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كېلىۋاتىدۇ . بىز گرېتسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، جۇڭگو بىلەن گرېتسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز . شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى : كېلەر يىلى جۇڭگو-گرېتسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا يۈزلەندى . ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلاملار ئالاقىسىنى ساقلاپ ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت، پارلامېنت ، پارتىيە قاتارلىق يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ساقلاپ ، ھەرقايسى قاتلام ، ھەر دەرىجىلىك خادىملارنىڭ ئالاقىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك . ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ بېيىشتا چىڭ تۇرۇپ ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك . ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملىشى ، مەدەنىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشى ، ئۆزئارا چەت ئەلگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىش ، يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى بىرلىكتە تەربىيەلەش ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك . جۇڭگو بىلەن گرېتسىيە دېڭىز-ئوكيان ھەمكارلىق يىلى سۇپىسىدىن داۋاملىق تولۇق پايدىلىنىپ ، دېڭىز-ئوكيان ئېچىش ، پايدىلىنىش ، قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش كېرەك .دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28- سېنتەبىر نيۇيوركتا گرېتسىيە زۇڭلىسى سىپراس بىلەن كۆرۈشتى .

  • شى جىنپىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد ، تېخنىكا ھەمكارلىقى يۇمىلاق شىرە يىغىنىغا قاتناشتى

    دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26- سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ يوركتىكى باش ئىشتابىدا جۇڭگو ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورتاق ئويۇشتۇرغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد ، تېخنىكا ھەمكارلىقى يۇمىلاق شىرە يىغىنىغا قاتنىشىپ ، يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ، ھەمدە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن بىرگە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد ، تېخنىكا ھەمكارلىق تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ، ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئۇلۇغ تەدبىرلىرىنى كېڭەشتى .

  • شى جىنپىڭ جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا سۆز قىلدى

    شى جىنپىڭ ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون بىلەن كۆرۈشتى شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ب د ت، 26 - سېنتەبىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26 - سېنتەبىر نيۇيوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا جۇڭگو بىلەن ب د ت بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشتى ۋە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى تەجرىبىسىنى خۇلاسىلىدى، ھەمكارلىق، تەرەققىيات چوڭ پىلانى ئۈستىدە كېڭەشتى. كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، ب د ت باش كاتىپى بان كىمون، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچىدىن، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات يولىدا ئىزدىنىشكە كۈچەش كېرەك. بىر ئاچقۇچتا بىر قۇلۇپنى ئېچىش كېرەك. بىز ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئۆز ئالدىمىزغا تاللىغان، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەردىن ئۆزئارا بەھرىلىنىپ، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. بىز ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، سودا، پۇل مۇئامىلە، سېلىنما، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېشىللاشتۇرۇش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق، تەڭ ئىلگىرىلەشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئەمەلىي تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەش كېرەك. بىز ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق يېڭى مېخانىزمنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش ئەھمىيىتىگە ئىگە بىر تۈركۈم بايراقدار ۋە ئېسىل تۈرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ياخشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مۇھىت ئۈنۈمى يارىتىپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك. تۆتىنچىدىن، دۇنيا تەرەققىيات رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. بىز دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك سودا تۈزۈلمىسىنى مۇستەھكەملەپ، دۇھا ئۇچرىشىشى سۆھبىتىنىڭ تەرەققىياتقا بالدۇرراق ھوقۇق بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، تەرەپلەر مەنپەئەتداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشمىز كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى «ئالتە 100» تۈرى بىلەن قوللايدۇ، بۇ 100 نامراتلىقنى ئازايتىش تۈرى، 100 يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق تۈرى، 100 سودىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىش تۈرى، 100 ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش تۈرى، 100 دوختۇرخانا ۋە ئامبۇلاتورىيە تۈرى، 100 مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن كەلگەن 120 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەپ، 150 مىڭ ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن 500 مىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىمى تەربىيەلەپ بېرىدۇ. جۇڭگو جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتى ئىنستىتۇتى قۇرىدۇ ھەم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى 2 مىليون دوللار نەق پۇل ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى دوستانە ھەم قىزغىن بولدى. يىغىنغا قاتناشقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنى ئاچقانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى ھەم شى جىنپىڭنىڭ جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى تەشەببۇسى ۋە تەكلىپىنى تامامەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار بەس - بەستە مۇنداق دېيىشتى: جۇڭگو ھازىر خەلقئارا ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ب د ت تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنى ۋە بۇ قېتىمقى جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا جاكارلىغان بىر قاتار مۇھىم ئەمەلىي تەدبىرلەر جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، جەنۇب - جەنۇبنىڭ ھەمكارلىقىنى قوللاش، جەنۇب - جەنۇبنىڭ ھەمكارلىقىغا تۆھپە قوشۇشتىكى كونكرېت ھەرىكىتى. جەنۇبتىكى دۆلەتلەر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تولۇقلىمىسى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنى جەنۇب - شىمال ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قىلغان ياردىمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ. ب د ت جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنى قوللاش سالمىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2015 - يىللىق كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات نىشانى كۆرسىتىپ بەردى ۋە تېخىمۇ يوقىرى تەرەققىيات تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى بويىچە 2015 - يىللىق كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھەدىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئورتاق رەئىسلەر ئاخباراتى ئېلان قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم تۆھپىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى مۇھىم پىرىنسىپى خۇلاسىلىنىپ، تەرەققىيات ئىدىيەسى، تەجرىبىسى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ماكرولۇق سىياسەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بايراقدار ھەمكارلىق تۈرلىرىنى بەرپا قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ب د ت، 26 - سېنتەبىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26 - سېنتەبىر نيۇيوركتىكى ب د ت باش شىتابىدا ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ب د ت باش ئىشتابىغا كېلىشىم. ھەر قايسى دۆلەت رەھبەلىرىنىڭ نيۇيوركقا يىغىلىشى بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ب د ت نىڭ خەلقئارا ئىشلاردا جارى قىلدۇرۇۋاتقان رولىنى قوللايدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ب د ت نىزامنامىسىدىكى ئاساسىي مەقسەت ۋە پىرىنسىپنى قوغداپ، ب د ت نىڭ نوپۇزى ۋە رولىنى ھىمايە قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورتاق كۈچىشى كېرەك. بان كىمون شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ب د ت نى زىيارەت قىلغانلىقىنى قارشى ئالدى. بان كىمون مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئەزاسى، ب د ت قارالمىسىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان شېرىك. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇزاقتىن بۇيان دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناپ، گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. رەئىس شى جىنپىڭ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ب د ت تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا ب د ت تەرەققىيات قارالمىسىنى قوللايدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى جاكارلىدى، بۇ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ب د ت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ب د ت جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن تەرەققىيات قارالمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالاقىدار رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، كېلىمات ئۆزگىرىشى يېڭى كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ .

  • شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25- سېنتەبىر ۋاشىنگىتوندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى .دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى .دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئوباما سۆھبەتتىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا .

  • شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالدى

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-سېنتەبىر ۋاشىنگىتوندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبىرى بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالدى.

  • مىچېل بىلەن پېڭ لىيۈەن ئامېرىكىدىكى مۈشۈكئېيىق بالىسىغا ئىسىم قويدى

    شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 يېرىمدا، ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى خانىمى-مىچېل ئوباما جۇڭگو دۆلەت رەئىسى-شى جىنپىڭنىڭ خانىمى-پېڭ لىيۈەنگە ھەمراھ بولۇپ ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان دۆلەتلىك ھايۋاناتلار باغچىسىغا بېرىپ، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگودىن ئىجارە ئالغان مۈشۈكئېيىقنى كۆردى. پېڭ لىيۈەن خانىم بىلەن مىچېل ئاتايىتەن ھالدا مەزكۇر باغچىدىكى«مېيشىياڭ» ئىسىملىك چىشى مۈشۈكئېيىقنىڭ بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۇغۇلغان بالىسىغا «بېي بېي» دەپ ئىسىم قويدى.

  • بۇ يەرنى بىسىپ تىخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى كۆرۈڭ !

    شىنجاڭ كاتىپ تور-تىخنىكا چەكلىك شىركىتى ( ئۇلىنىش Com تورى ) ئاخپارات ئىشخانىسىغا تەۋە !

    شىنجاڭ كاتىپ تور-تىخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشلىدى

    ئىشخانا نۇمىرى : 0991-8555559

    Copyright 2015 Intil School All Rightes Reserved / Designed by Ulinix.Com