• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئۇرۇق -تۇققان دوس بۇرادەرلىڭىز سىزنى نامرات دەپ ئاغرىنامدۇ

    مەنبە : www.toutiao.com
    يوللانغان ۋاقىت : 13:39 14-06-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    سىزنىڭ پۇلىڭىز بار ۋاقىتتا ، يىراق جايلاردىمۇ تۇغقىنىڭىز بار دېيىشكە بولىدۇ ، ئۇرۇق - تۇغقان ، دوست - بۇرادەرلىرىڭىز سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ . لېكىن بىر كۈنى سىز غۇربەتچىلىكتە قالغاندا ، ئۇرۇق - تۇغقان ، دوست بۇرادەرلىرىڭىز،ھەتتا مەڭگۈلۈك ھەمراھىمىز بولغان ئېرىمىز ياكى ئايالىمىزنىڭمۇ ئۈزىڭىزدىن بىزار بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بۇلۇشىڭىز مومكىن . بۇ چاغدا سىز قانداق قىلىشىڭىز كېرەك :جەمئىيەت سىزنىڭ غايىڭىزگە باقمايدۇ. بۇ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ زىتىغا دېگىدىغان گەپ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىزنىڭ سىزگە تەسەللىي بېرىپ ھەر ئىككىمىزنى ئالدىغىمىز يوق. چۈنكى بۇ-رېئاللىق.

    ئاتا - ئانىڭىز سىزنىڭ يارامسىز ئىكەنلىكىڭىزدىن بىزار بولامدۇ ؟
    بەلكىم بەزىلەر مۇنداق دېيشى مومكىن

    ئۇنداق بولمايدۇ ، چۈنكى مەيلى سىز باي ياكى نامرات بۇلۇڭ ، ساغلام ياكى كېسەل بۇلۇڭ ، خۇشال ياكى غەم - قايغۇدا قىلىڭ ئاتا - ئانىڭىز قىلچە ئىككىلەنمەي سىزنى سۆيىدۇ .

    پەرزەنتلەرنى يارامسىز دەپ بىزار بولىدۇ ، پەقەت ئۇلار ئەزەلدىن ئېغىزدىن چىقارمايدۇ ، پەقەت ھەرىكىتى ئارقىلىق ئانچە مۇنچە ئاشكارلايدۇ .


    ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ پۇلى يوقلىقىدىن بىزار بولامدۇ دىگەن سۇئالغا كەلسەك توقسان توققۇز پىرسەنىت جاۋاپ .شۇنداق بىزار بۇلىدۇ دەپ جاۋاپ بەرگەن .

    ئىلگىرى توردىكى شېنجېنلىق تورداش يوللىغان مۇنداق بىر تېمىنى كۆرگەن ئىدىم ،بۇ تورداشنىڭ تىمىسىنى سىلەرگە سۆزلەپ بىرەي

    ئاپام يۇرۇتتا بالىغا قارىشىپ بېرىۋاتاتتى ، بىر كۈنى مەھەللىدىكى باشقا مومايلار بىلەن پاراڭلىشىپ بۇلۇپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن پەقەت قاپىقى ئېچىلمىدى ،مەن بىز ھازا سورغاندىن كىيىن ئۇ ئاندىن بولغان ئەھۋالنى ماڭا دەپ بەردى .
    ئەسلىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان مومايلاردىن بىرسى ئۇنىڭغا ئوغلىنىڭ يىللىق ساپ پايدىسىنىڭ بەش مىليۇن ئىكەنلىكنى دەپتۇ ئاپام بۇ گەپلەرنى دەپ بۇلۇپلا ماڭا قاقشاپلا كەتتى «سەنمۇ كۆپرەك پۇل تاپساڭ بولمامدۇ ،خەقنىڭ ئوغلىغا قاراپ باقە يىلدا بەش مىليۇن تاپىدىكەن ،ئۈزەڭگە قاراپ باقە بىر لامزەللە بولماي نىمە سەن ،مەن قېرى ھەقىقەتەت تەلەيسىزكەنمەن »شۇنىڭ بىلەن مەن نىمە قىلارىمنى بىلەلمەيلا قالدىم


    ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشتا دائىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچراپ تۇرىمىز : ئاتا - ئانىلار باشقىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن ئۆز پەرزەنتلىرىنى سېلىشتۇردۇ ،ئاخىردا توختىماي باللىرىنىڭ يارامسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ

    بۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل « بىزار بولۇش » بولۇپ ، ئاتا - ئانىمىز بىزنىڭ ، تېخىمۇ ياخشى ، تېخىمۇ ياراملىق بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ .بۇنداق بولغاندا سىز ئۇلارنى پەخرلەندۈرەلەيسىز ھەم ئۇلارنىڭ ئەجىرىگە جاۋاپ قايتۇرالايسىز .

    لېكىن رېئاللىق شۇكى ، باشقىلارنىڭ بالىسى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتەلەيدۇ ،ئەمما بىز ئۈتەلمەيمىز باشقىلارنىڭ قىزى ئاتا - ئانىسىنى ئېلىپ چەتئەلدە ساياھەت قىلغۇزىدۇ ،لىكىن بىز ئۇنداق قىلالمايمىز باشقىلارنىڭ بالىسى ئاتا - ئانىسىغا داچا سېلىپ بېرىدۇ ھەشەمەتلىك ئاپتۇموبىل ئېلىپ بىرىدۇ ،لىكىن بىز ئەپ بىرەلمەيمىز بىز پەقەت ئايدا ئالغان نەچچە مىڭ يۈەن مائاشىمىزغا ھەر قېتىم ئۆيگە قايتقاندا ئاتا - ئانىمىزغا ئاز - تۇلا بىر نەرسە ئەپ بىرەلەيدىغان ئاددى ئادەم خالاس .

    بىر يازغۇچى مۇنداق دىگەن ، بەلكىم ئاتا-ئانىڭىز سىزنىڭ قانچىلىك پۇلىڭىز بارلىقىنى دەپ بىرەلمەسلىكى مومكىن ،لىكىن شۇنىسى ئىنىقكى ئۇلار بۇ ئىشقا بەكلا كۈڭۈل بۈلىدۇ .
    مەن يەنە بىر تورداشنىڭ ھىكايىسىنى سىلەرگە بايانقىلىپ بىراي

    مەن ئىككى بالىلىق بولغان شۇ ۋاقىتلاردا پۈتۈن زىھنىمنى بالامغا قاراشقا بېغىشلىدىم ،بۇ ۋاقىتتا يولدىشىم ئۈزى يالغۇز بۇ ئائىلىنىڭ يۈكىنى كۈتىرەتتى .بۇنداق بولغان ئىكەن ئىنىقلا ئىقدىسادىمىزمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى ،شۇ يىللاردا ئاتا-ئانامنىڭ مەندىن بىزار بولۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم ،ئەينى ۋاقىتتا مەن ئاتا-ئانامنىڭ قايتىپ بىر مەزگىل تۇرماقچى بولغاندا ئاتا-ئانام ماڭا ئۇدۇللا «بولدى كەلمە »دىدى.

    لېكىن رېئاللىق يەنىلا رەھىمسىز ئىدى . ئىككى بالام مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ، يىقىن دوستلىرىم يەنە پۇل تېپىشقا باشلىدى ، ئەسلىدىلا ئۇلارنىڭ ئاساسى باربولغاچقا ، شۇڭا خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆپ كىرىم قىلدى ،ئۇلار دائىم ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا قايتقاندا شۇنچىلىك مەردانە بولۇپ كېتەتتى،بۇنداق چاغلاردا ئاتا-ئانامنىڭ پوزىتسىيەدىمۇ ئۆزگىرىش بولاتتى، چۈنكى ئۇ دوستلىرىم ئاپامنىڭ نەزىرىدە ناھايىتى قابىلىيەتلىك قىزلار ئىدى-دە.

    نامرات ئەر - خوتۇنلارنىڭ غىمى گەپنىڭ ئاساسى يوق ئەمەس . ئەمما بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك كىشىنى بىئارام قىلدىغىنى بولسا ، بىر تەرەپنىڭ پۇلى بار ، يەنە بىر تەرەپنىڭ پۇلى يوق بۇلۇپ قېلىشىدۇر .

    ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا ئاجرىشىپ كەتكەن بىر تۇققۇنىمىزنىڭ ئاجىرىشىش سەۋەبىنى ئاڭلىسىڭىز يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلمەيسىز .ئۇنىڭ ئايالى ئايدا 3000مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىكەن ،تۇرمۇش چىقىملىرىنى ھىسابلىسا 3000مىڭ نىمىگە يىتىدۇ دەيسىز ،لىكىن بو تۇققۇنىمىز دائىم ئايالىدىن پۇلنى
    قەيەرگە ئىشلەتكەنلكىنى سورايدىكەن .بو تۇققۇنىمىز ئۈزۈندىن بۇيان سېرىتتا
    ئىشلەمچىلىك قىلۋاتقان بولغاچقا بىرىنجى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ مائاشىنىڭ
    يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ ئۈزىنىڭ يىزىسىدىكى مائاش سەۋيەسىنىڭ
    قانچىلىك ئۆزگەرگەنلىكىگە دىققەت قىلالمىغان گەپ .

    لېكىن تۇغقىنىم بۇنىڭ بىلەن ھېسابلاشماي، ئايالىنىڭ پۇلنى بەك خەجلەپ، ئائىلىسى بىلەن كارى بولمايدىغانلىقىنى دەپ، ئۇنى ئەيىبلىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ تۇغقىنىمدىن سورىدىم: «سىلەر نەچچە ئون يىل ئۆي تۇتتۇڭلار، لېكىن سەن نېمىشقا ئايالىڭنىڭ بەتخەج ئىكەنلىكىنى مۇشۇنداق چېچىڭغا ئاق چۈشكەندە ئاندىن ھېس قىلدىڭ، بۇندىن بۇرۇن نۇرغۇن يىل ئۆي تۇتۇپ نېمىشقا ھېس قىلمىغانىدىڭ؟»ئۇ بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ماڭا جاۋاب بەردى: «كارىم يوق!»

    ماڭا ئۇلارنىڭ ئاجرىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ ئۆز كىرىمى ئىكەنلىكى ئايان. شۇنداق، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ پۇلى يوق ئىدى، شۇڭا پۇلنى ساقلىيالمايتتى، ئايالىنىڭمۇ مۇشۇ سەۋەبلىك كۆڭلى يېرىم ئىدى، ئەمما ئۇ تۇغقىنىم ئايالىنىڭ بالىلىرىغا ياخشى قاراش ئۈچۈن يېزىدا قالغانلىقىنى، ھەممىسىنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

    ھەقىقەتەن ئادالەتسىزلىك ھە!؟ ئەمما بۇ رېئاللىق.

    بىر دوستۇم بولىدىغان، يېڭى ئىشقا چىققاندا نەچچە مىڭ يۈەن مائاش ئالىدىغان. ئۇ دوستۇمنىڭ يولدىشى ئىللىقمۇ ئەمەس، سوغۇقمۇ ئەمەس كىشى ئىدى. كېيىن ئۇ دوستۇم باشقىلار بىلەن شېرىكلىشىپ بىر مېھمانخانا ئاچتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمى نەچچە ئون مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتتى، دوستۇممۇ بەكلا ئالدىراش يۈرەتتى. نەتىجىدە قانداق بولدى دېمەمسىلەر، ئۇنىڭ ھېلىقى ئىلمان يولدىشى ئايالىنىڭ يېنىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرىيدىغان بولۇپ قالدى.

    كونىلاردا «پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا» دەپ گەپ بولىدىغان، قارىغاندا بۇ گەپنىڭ ئاساسى ھەقىقەتەن بار ئىكەن.

    ئىنسان مەنپەئەتپەرەس بولىدۇ، مەيلى پەرزەنتى ياكى ھەمراھى بولسۇن، قارشى تەرەپ نامرات بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشكىلى بولمىسا، ئەكسىچە قارشى تەرەپ ئۇنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولسا، ئۇنداقتا ئۇ قارشى تەرەپكە ياخشىچاقمۇ بولمايدۇ، كۆزگىمۇ ئىلمايدۇ. ئەمما قارشى تەرەپتە پۇل بولسا، ئۇ قارشى تەرەپتىن مەنپەئەتلىنىشنى ئويلايدۇ، شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا ياخشىچاق بولۇشمۇ تەبىئىي ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ.

    جەنگو دەۋرىدىكى مەشھۇر تەدبىركار سۇ چىن نامرات ۋاقتىدا، ئايالى ئۇنى ئېرىم دەپ ئېتىراپ قىلمايتتى؛ يەڭگىسىمۇ ئۇنى قېيىنئىنىم دەپ قارىمايتتى؛ ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنى ئوغلۇم دېمەيتتى.

    كېيىن ئۇ ئالتە بەگلىكنىڭ مۆھۈرىنى ئېلىپ، لوياڭدىن ئۆتكەندە، ئاتا-ئانىسى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆيلەرنى تازىلاپ، كوچىلارنى سۈپۈرۈپ، نەغمىچى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شاراب تەييارلاپ، بالىقتىن 30 چاقىرىم چىقىپ ئۇنى كۈتۈۋالغان. ئايالى ئۇنىڭغا قاراشقا پېتىنالماي، ياندا ئۇنىڭغا پەرمانبەردار بولۇپ تۇرغان، يەڭگىسى يىلانغا ئوخشاش يەردە تولغۇنۇپ، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ، ئەپۇ سورىغان.

    شۇنىڭ بىلەن سۇ چىن خۇرسىنغىنىچە مۇنۇ شېئىرنى ئوقۇغان: نامرات بولسا تۇغقاننىڭ كەلمەس سېنى باققۇسى، بېيىپ كەتسەڭ ناۋادا كېلۇر ئۇنىڭ قورققۇسى.


    دېمەك، نۆۋەتتىكى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ بايلىق قوغلىشىشىنىڭ سەۋەبچىسى ئەمەس، بەلكى بۇ قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە. ئەلمىساقتىن بۇيان، كىشىلەردە ھوقۇقنى ۋە بايلىقنى چوڭ بىلىدىغان ۋە شۇنىڭغا ئېرىشكەن كىشىدىن قورقىدىغان ھەمدە ئۇلارنى زىيادە چوڭ بىلىدىغان پىسخىكا ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن.

    نامراتنى شەھەردە تونۇيدىغىنى يوق، غوجامنى چۆللەردە بىلمەيدىغىنى يوق. بايلىقنىڭ كۆپلۈكى كۆپىنچە ۋاقىتتا ۋاستىلىك ھالدا كىشىلەرنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەيدۇ.

    سىزنى مەڭگۈ سۆيىدىغان ئاتا-ئانىڭىز ۋە ھەمراھىڭىز سىزنىڭ نامراتلىقىڭىزغا ئۆچ بولىدۇ، ئەمما بۇ ھېكايىمۇ بەكلا ئازابلىق بولىدۇ. لېكىن مېنىڭ سىلەرگە بۇ سەۋەبلىك ئۆزۈڭلاردىن ئاغرىنىپ، مەيۈسلىنىپ يۈرۈشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى دەپ قويماقچى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى