• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ليەنشياڭنىڭ باتارېيەسىنى ئاجراتقىلى بولىدىغان A7 يانفونى ئېلان قىلىندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:46 13-04-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يېقىندا ليەنشياڭنىڭ باتارېيەسىنى ئاجراتقىلى بولىدىغان A7 يانفونى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا زىگۇاڭنىڭ خۇبېن SC9863A تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەن، 8 يادرولۇق 1.6 گىگاھېرتسلىق ARMنىڭ Cortex-A55 بىر تەرەپ قىلغۇچ قۇرۇلمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.


    بۇ 4G يانفونى بولۇپ، 6.09 ديۇملۇق سۇ تامچە ئېكرانى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئېكران ئىگىلەش نىسبىتى 87%كە يېتىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەپنى قوللايدۇ. يانفونغا 4000 مىللىئامپېرلىق چوڭ باتارېيە سەپلىنىدۇ.
    كامېرا جەھەتتە، ئارقا قىسمىغا 13 مىليون پىكسېللىق ۋە 2 مىليون پىكسېللىق كامېرا، ئالدى قىسمىغا 5 مىليون پىكسېللىق كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆرۈنۈش پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە.

    ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يانفوننىڭ بارماق ئىزى سېنزورى ئارقا قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، چىراي ئارقىلىق قۇلۇپ ئېچىش ئىقتىدارىغا ئىگە. مەزكۇر يانفون ئاساسلىقى ياشلارنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئاۋۋال ئوتتۇرا شەرق رايونىدا، ئاندىن ياۋروپا ۋە ئافرىقا رايونلىرىدا بازارغا سېلىنىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى