• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئويۇن ئويناپ خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولغان ئاكا-سىڭىل 4-قەۋەتتىن سەكرىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:42 13-04-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئويۇنغا ئامراق بولۇش بالىلارنىڭ تەبىئىتى، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر مەزگىلدە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئويۇن ئويناش مەسىلىسىنى كۆپلەپ ئىنكاس قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا، بەزى بالىلار ئويۇن ئويناپ تىراگېدىيە پەيدا قىلدى.


    22-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن ئاشقاندا، خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھىرى ۋېيشيەن ناھىيەسىدىكى 11 ياشلىق بالا خاڭخاڭ توققۇز ياشلىق سىڭلىسى بىلەن بىللە 4-قەۋەتتىن سەكرىگەن. بالىلار «مىكرو دۇنيا»(迷你世界) ۋە «تىنچلىق قەھرىمانى»(和平精英) دېگەن ئىككى ئويۇننى ئويناپ خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولغان. خاڭخاڭنىڭ دادىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۇ ئايالى بىلەن بازاردا تىجارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، بالىلارغا بىر ئىش بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەر-ئايال ئىككىسى دەرھال ئۆيىگە قاراپ يۈگۈرگەن. ئۇلار يېتىپ بارغاندا بالىلار يەردە ياتقان بولۇپ، چاقىرسا ھېچقانداق سادا چىقمىغان.

    ئىككى بالىنىڭ يارىسى ئېغىر بولۇپ، جىددىي قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن، ئەر-ئايال ئىككىسى دەرھال ئىككى بالىنى خەندەن شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان. ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن جىددىي قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن، ئىككى بالىنىڭ ھاياتى ساقلاپ قېلىنغان. ئىككى بالىنىڭ بىنادىن سەكرىشىدىكى سەۋەبنى تىلغا ئالساق، خاڭخاڭنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇنى ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئىككى بالا ئۆگزىگە چىقىپ، قول تۇتۇشۇپ بىللە سەكرىگەن ئىدى. ئويۇن دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن ئۇچقىلى بولىدۇ دەپ ئويلىغان بالىلار بۇنى سىناپ باقماقچى بولغان.

    خاڭخاڭنىڭ دادىسى مۇخبىرغا بالىلارنىڭ تور دەرسىگە ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ئادەتتە يانفونىنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئىككى بالىنىڭ ئوغرىلىقچە ئويۇن ئويناۋاتقانلىقىنى كىم بىلسۇن؟ خاڭخاڭنىڭ ئوينىغىنى «تىنچلىق قەھرىمانى» ناملىق ئېتىشىش ئويۇنى، سىڭلىسىنىڭ ئوينىغىنى «مىكرو دۇنيا» ناملىق ئويۇن بولۇپ، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ئىككى بالا يەنە ئوغرىلىقچە ئويۇنغا پۇل تۆلىگەن...

    ئائىلە تۇيۇقسىز مۇشۇنداق چوڭ ۋەقەگە يولۇقتى، نەچچە كۈندىن بېرى ئۆيدە يىغقان پۇللارنى خەجلەپ بولدى، خاڭخاڭنىڭ ئاتا-ئانىسى بارلىق ئاماللارنى قىلىپ بولدى، ئەمما كېيىنكى قېتىملىق ئوپېراتسىيە ئالدىدا ئۇلار يەنىلا ئامالسىز قالدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى