• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئاپتوماتىك قوزغىتىش ۋە توختىتىش ئاپتوموبىلنى كاردىن چىقىرامدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:39 13-04-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يېڭى ئاپتوموبىللارنىڭ سەپلىمىسىنىڭ ئاز-كۆپلىكى ئاپتوموبىل باھاسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاپتوموبىل ئىگىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەتتە سەپلىمە قانچە مول بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ. لېكىن، مەلۇم سەپلىمە ئىزچىل كۈچلۈك تالاش-تارتىش قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، ھەتتا بەزىلەر ئۇنى چۇۋۇۋېتىشنى ئويلايدۇ، ئۇ دەل بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىدىغان ماتورنى ئاپتوماتىك قوزغىتىش-توختىتىش تېخنىكىسى. بۇ ئىقتىدارنىڭ پىرىنسىپى ئىنتايىن ئاددىي، يەنى ئاپتوموبىلنى توختاتقاندا ماتورنى ئاپتوماتىك ئېتىۋېتىش، زۆرۈر تېپىلغاندا قايتا قوزغىتىش، ئاڭلىماققا ئېنېرگىيەنى تېخىمۇ تېجەپ بۇلغىما ئازايتقىلى بولىدىغاندەك قىلىدۇ شۇنداقمۇ؟ لېكىن، نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى يەنىلا ئۇنىڭ ئىشەنچىسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشتى، ئۇلار ئامراق ئاپتوموبىلىنى قايتا-قايتا قوزغىتىش ۋە ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ ماتور ۋە باشقا نەرسىلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىشىدىن ئەنسىرەشتى، ھەم ئۇنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش ئۈنۈمىگە ئىشەنمىدى. شۇڭا، بۈگۈن بىز بۇ ئىككى مەسىلىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى.

    ماتورنى ئاپتوماتىك قوزغىتىش-توختىتىش ئارقىلىق زادى ماي تېجىگىلى بولامدۇ-يوق؟

    ئەمەلىيەتتە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىلا دۇنيا رەقەملىك ئېلېكتىرون تېخنىكىسىدا زور دەرىجىدە بۆسۈش ھاسىل بولغاندا، تويوتا شىركىتى خانتاجىغا 1.5 سېكۇنتتىلا ئاپتوماتىك توختاش ئىقتىدارىنى قوشقان. ئاندىن تەجرىبە سانلىق مەلۇماتىدا، ئۇنىڭ ماي سەرپىياتى ھەقىقەتەن %10 تېجەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ئەمما، تويوتا بۇ ئىقتىدارنىڭ ماي تېجەش مىقدارىنىڭ ئارىلاش ئېنېرگىيە تېخنىكىسىغا يەتمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئارىلاش ئېنېرگىيە تەتقىقاتىغا كىرىشىپ كەتكەن. بىراق، بۇ تەجرىبە ياۋروپا ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. 1980-يىلنىڭ بېشىدا، ۋولكسۋاگېن ئاپتوماتىك قوزغىتىش-توختىتىش تېخنىكىسىنى بەزى 2-ئەۋلاد polo ئاپتوموبىللىرىغا ئىشلەتكەن. گەرچە ئاپتوماتىك قوزغىتىش-توختىتىش تېخنىكىسى بالدۇر باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىقتىدار پەقەت يۇقىرى سەپلىمىلىك ئاپتوموبىللاردىلا بار ئىدى، كۆپ قىسىم شوپۇرلار بۇنى ئېتىراپ قىلمىغان ئىدى. ھېكايىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى 2006-يىلى يۈز بەردى. ياۋروپادا نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكەندىن كېيىن، نامراتلىق ئالدىدا ياۋروپادىكى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاپتوماتىك قوزغىتىش-توختىتىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى: ماي تېجەش پۇل تېجىگەنگە باراۋەر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپانىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشقا ئائىت قانۇن-نىزاملىرىمۇ كۈندىن-كۈنگە قاتتىقلىشىپ كەتتى. ماي سەرپىياتىنى ئۆلچىگەندە، گەرچە شوپۇر خالىغانچە مەشغۇلات قىلالمىسىمۇ، ماتورنى ئۆزىنى ئۆزى ئېتىۋەتسىلا بولمىدىمۇ؟ مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشكە ئاساسەن، ئاپتوماتىك قوزغىتىش-توختىتىش ئىقتىدارى ياۋروپادا ئومۇميۈزلۈك مودا بولدى. ماي تېجەيدىغان ياپونىيە ئاپتوموبىللىرىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، ئاخىرىدا فوردمۇ بۇ تېخنىكىنى قارمىقىدىكى %70 ئاپتوموبىل تىپىغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنداقتا بۇ تېخنىكىدا زادى قانچىلىك ماي تېجىگىلى بولىدۇ؟ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىش ئەھۋالىدا تەخمىنەن %3تىن %10كىچە تېجىگىلى بولىدۇ، ئەمەلىي ئۆلچەشتە بولسا %8تىن %15كىچە تېجىگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ پىرىنسىپىدىن قارىغاندا، ماشىنا توختىتىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا ماي شۇنچە تېجىلىدۇ، بۇ ھەر كۈنى قاتناش قىستاڭچىلىقىدا قىينىلىدىغان بىزلەرگە ناھايتى ماس كېلىدۇ. بىراق قاتناش قىستاڭچىلىقىدا، ئاپتوموبىلنى قوزغىتىش-توختىتىش ۋاقتى ھەم قىسقا ھەم كۆپ بولىدۇ، ئۇنداقتا قوزغىتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ماي سەرپىياتى تېخىمۇ يۇقىرى بولمامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ئەھۋالدا ماتور سوۋۇمىغان بولغاچقا، ماتورنىڭ قوزغالغاندىكى قارشىلىق كۈچىمۇ ناھايىتى كىچىك بولىدۇ، بىر قېتىملىق قوزغىتىشتىكى ماي سەرپىيات مىقدارى پەقەت 0.7 سېكۇنتلۇق ماي سەرپىياتىغا باراۋەر بولۇپ، ھېسابلاپ كۆرگەندە ئاپتوموبىلنى بىر سېكۇنتتىن ئارتۇق توختاتسىلا ماي تېجىگىلى بولىدۇ.

    ئاپتوماتىك قوزغىتىش ۋە توختىتىش ئاپتوموبىلنى كاردىن چىقىرامدۇ؟

    نۇرغۇن كىشىلەر «ئاپتوموبىلنى تولا قوزغىتىپ تولا توختاتقاندا، ماتورغا چوقۇم زىيان يېتىدۇ» دەپ قارايدۇ. ئەمما، ماتورنىڭ ئۇپرىشى %90 ئەھۋالدا سوغۇق قوزغىتىش باسقۇچىدا يۈز بېرىدىغان بولۇپ، بۇنى ئاپتوماتىك قوزغىتىش-توختىتىش ئىقتىدارىغا دۆڭگەشكە بولمايدۇ! بەزىلەر يەنە «ماتورغا تەسىر يەتكۈزمىگەن تەقدىردىمۇ، قوزغىتىش سىستېمىسىدىكى ئاككۇمۇلياتور ۋە قوزغاتقۇچنىڭ كۆپ ئىشلىتىلىشىمۇ ياخشى ئىش ئەمەس» دەپ ئويلىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ مەسىلىنى كۆپچىلىك ئويلاپ يېتەلىگەن يەردە، ئىنژېنېرلارمۇ ئويلاپ يېتەلەيدۇ. ئاپتوماتىك قوزغىتىش-توختىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئاپتوموبىللارنىڭ قوزغىتىش سىستېمىسى زاپچاسلىرىنىڭ ھەممىسى يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھەتتا ئاپتولمۇ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن. بۇ ئاپتوموبىللاردىكى ئاككۇمۇلياتور، قوزغاتقۇچ، تاسمىلىق چاق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قاتتىق چارچاشقا چىداملىق قىلىپ تەڭشەلگەن تۇرسا، بۇنىڭدىن ئەنسىرىگۈدەك نېمىسى بار؟

    شۇڭا، بۇ ئىككى مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن بىز شۇنى بىلدۇقكى، ئاپتوماتىك قوزغىتىش-توختىتىش ئىقتىدارى ئاپتوموبىلنى بۇزىۋەتمەيدۇ، خاتىرجەم بولۇڭلار.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى