• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    100 مىڭ يۈەنلىك ئەڭ يېڭى ئۈچ خىل SUVنى تاللىۋېلىڭ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:37 13-04-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئەگەر 100 مىڭ يۈەنگە SUV سېتىۋېلىش توغرا كەلسە، شېرىك ماركىلار ئىچىدە ئانچە كۆپ مەھسۇلات يوق، بىراق مۇستەقىل ماركىلارنىڭ بۇ جەھەتتە تاللىشى ئىنتايىن مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈزلۈكسىز كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىلىرىنى بازارغا سېلىپ تۇرىدۇ. يېقىندا يەنە مۇستەقىل ماركىدىكى ئۈچ خىل يېڭى SUV بازارغا سېلىندى، ئۇلار سېتىۋېلىشقا ئەرزىمدۇ؟ تۆۋەندە بىر تەھلىل قىلىپ باقايلى.



    چاڭئەن CS55 PLUS

    زاۋۇت يېتەكچى باھاسى: 91 مىڭ 900 يۈەندىن 114 مىڭ 900 يۈەنگىچە

    دەرىجىسى: ئىخچام تىپلىق SUV

    چاڭئەن CS55 PLUS نىڭ رازمېرى 4500/1860/1690mm غا، ئوق ئارىلىقى 2650mm غا يېتىدۇ. يېڭى ئاپتوموبىل CS55تىنمۇ سالاپەتلىك چىققان بولۇپ، شەكىل جەھەتتىكى دەرىجە ئۆرلىتىش ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. ئېنېرگىيە جەھەتتە يېڭى ئاپتوموبىلغا 1.5T ماتور بىلەن 6MT ياكى 6AMT سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى سەپلىنىدۇ.



    لۇفېڭ روڭياۋ

    زاۋۇت يېتەكچى باھاسى: 79 مىڭ 900 يۈەندىن 99 مىڭ 900 يۈەنگىچە

    دەرىجىسى: ئىخچام تىپلىق SUV

    بۇ ئاپتوموبىلنىڭ رازمېرى 4550/1885/1655mm غا، ئوق ئارىلىقى 2750mm غا يېتىدۇ. ئېنېرگىيە جەھەتتە، ئۇنىڭغا 1.5GTDI ماتور سەپلىنىدىغان بولۇپ، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 163 ئات كۈچىگە، ئەڭ چوڭ تولغىنىش مومېنتى 250Nm غا يېتىدۇ. ھەممە نۇسخىسى قوش چاق سۆرەيدۇ.



    جيېتۇ X95

    زاۋۇت يېتەكچى باھاسى: 99 مىڭ 900 يۈەندىن 152 مىڭ 900 يۈەنگىچە

    دەرىجىسى: ئوتتۇرا تىپلىق SUV

    جيېتۇ X95 نىڭ رازمېرى 4875/1925/1780mm غا، ئوق ئارىلىقى 2855mm غا يېتىدىغان بولۇپ، خايلاندېر، رۈيجيې قاتارلىق يەتتە ئورۇندۇقلۇق SUVلار بىلەن بىر سەۋىيەدە. ئېنېرگىيە جەھەتتە، ئۇنىڭغا 1.5T ماتور ۋە 1.6T ماتور تەمىنلىنىدۇ. ئەسلىدىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقىنىڭ ئورنىغا قوش مۇفتىلىق سۈرئەت ئۆزگەرتىش ساندۇقى سەپلىنىدۇ.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى