• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    رۇسىيەنىڭ 3-ئايلىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى يەتتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئازلاپ كەتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:36 13-04-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى قالدۇقى 443 مىليارد 634 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىنقى ئايغا قارىغاندا يەتتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئازلاپ كەتكەن، 2018-يىلى 10-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىگەن. بۇ نېفىت باھاسى ئۇرۇشىنىڭ رۇسىيە تايىنىدىغان مالىيە كىرىمى ھەمدە ئىقتىساد تەرەققىياتىدا سەلبىي رول ئوينىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

    ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 443 مىليارد 634 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلىگەن، بۇ سان 2008-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا تارىخىي ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 582 مىليارد 679 ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان ئىدى، كېيىن نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش ۋە تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ تەۋرىنىپ تۇردى.

    3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە رۇسىيەنىڭ خەلقئارا زاپىسى 563 مىليارد 473 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇنىڭدا ئالتۇن زاپىسى 119 مىليارد 840 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. بىراق رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا بايانات ئېلان قىلىپ، 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئالتۇن سېتىۋېلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى، بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن ئالتۇن سېتىۋېلىش قارارىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چىقىرىدىغانلىقىنى قارار قىلغان ئىدى.


    يۇقۇم ئەھۋالى ھەمدە نېفىت باھا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىدە، رۇسىيەنىڭ ئېكسپورت كىرىمى تەسىرگە ئۇچرىماقتا. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ سودا ئاكتىپ بالانىسى بۇ يىل 2-ئايدا توققۇز مىليارد 660 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلەپ، 2017-يىلى 9-ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن.

    رۇسىيە دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى، مەركىزىي بانكا يېقىنقى يىللاردا زور مىقدار ئالتۇن سېتىۋېلىش ئارقىلىق مەبلەغ سالغۇچىلار خەتەردىن ساقلىنىش كاپىتالىدىن ۋاز كېچىپ، يۇقىرى خەتەردىكى كاپىتالغا مەبلەغ سالغاندا، ئالتۇن باھاسىنى يۆلەش رولىنى جارى قىلدۇردى. رۇسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئالتۇن زاپىسىنىڭ قىممىتى رۇسىيەنىڭ خەلقئارا زاپىسىنىڭ تەخمىنەن %20تىنى ئىگىلەيدۇ، تارىختىكى نىسبەتەن يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇپلا قالماستىن، يەنە باشقا مەركىزىي بانكىلارنىڭكىدىن يۇقىرى.

    بىراق رۇسىيە مەركىزىي بانكىسى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا، 4-ئايدىن باشلاپ ئالتۇن سېتىۋېلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى، بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن ئالتۇن سېتىۋېلىش قارارىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قارار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

    بازار تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشى مەركىزىي بانكىنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىشنى ئازايتىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىدى.

    يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ھەرقايسى دۆلەتلەر تاقالغان ھالەتكە ئۆتكەنلىكتىن، رۇسىيە سودا بانكىلىرىنىڭ ئالتۇن ئېكسپورت كەسپى ئاساسەن توختاپ قالدى. شۇڭا، ئۇلار بىرلىشىپ رۇسىيە مەركىزىي بانكىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئالتۇن سېتىۋېلىش كەسپىنى قايتا باشلاشنى ئۈمىد قىلدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى