• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    نېمانچە قورقۇنچلۇق! يۇقۇملانغانلار بىر مىليون 840 مىڭدىن ئاشتى

    مەنبە : mp.weixin.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 19:33 13-04-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسىنىڭ يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا دائىر ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 6دىن 30 مىنۇتقا قەدەر، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى دۇنيا بويىچە 1 مىليون 840 مىڭدىن، ئامېرىكىدا 550 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا يەنە بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، تاكى 4-ئاينىڭ 8-كۈنىگە قەدەر، 52 دۆلەتتىن 22073 نەپەر داۋالاش خادىمىغا يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇققانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ دوكلاتتا يەنە دېيىلىشىچە، نۆۋەتتە تېخى داۋالاش خادىملىرىنىڭ يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىشىغا قارىتىلغان سىستېمىلىق بىر دوكلات بولمىغاچقا، بۇ ساننى بەلكىم دۇنيا مىقياسىدىكى ئەينەن ساننىڭ ئىپادىسى دەپ ئېيتقىلى بولمايدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ۋە يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ۋاقىت سىزىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە سىجىل يېڭىلاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


    ئامېرىكا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار 550 مىڭدىن ئاشقان


    ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسىنىڭ نەق مەيدان كۆزىتىش سىستېمىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، ئامېرىكىدا ئاز دېگەندە 554226 ئادەم يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇنىڭ ئىچىدە قازا قىلغان 21994 بىمارمۇ بار. شۇنىڭدىن تەخمىنەن 24 سائەت ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى ئاز دېگەندە 29323 نەپەر، ئۆلگەن بىمار سانى 1605 نەپەر يېڭىدىن كۆپەيگەن. ئامېرىكا نىيۇيورك ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ 12-كۈندىكى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، نىيۇيورك شەھىرىگە قاراشلىق بەش رايوندا، يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار 103208گە يېتىپ، بىمار 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، نىيۇيورك شەھىرىدە يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلغانلار سانىمۇ 6717گە يەتكەن. شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، نىيۇيورك ئىشتاتىنىڭ باشلىقى كۇمو ئۇچۇر ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نىيۇيورك ئىشتاتىدا دوختۇرغا كۆرۈنگەن يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگىنى 53كە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەم يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيانقى يېڭىدىن كۆپەيگەن داۋالىنىدىغانلار سانىنىڭ تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاكى بۈگۈنگە قەدەر، ئامېرىكىدىكى يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئىچىدە، ئاز دېگەندە 2755 ئادەم ياشانغانلار ساناتورىيەسىدىن ياكى ئۇزاق ۋاقىتلىق بېقىش ئاپپاراتلىرىدىن ئىكەن. بۇ سان 10 كۈن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىراقلا 2300 نەچچە ئادەم كۆپەيگەن.«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ئەندىزىسىنى بايقىغۇچىسى مۇرراي ئاگاھلاندۇرۇپ، ناۋادا ئامېرىكا 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىقتىسادىي پائالىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە، يۇقۇم يامراشنىڭ يېڭى دولقۇنى پەيدا بولىدۇ، دېگەن.كانادائېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 24384كە، ئۆلگەن بىمار 717گە يەتكەن


    شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، كانادانىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرى ئېلان قىلغان يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا دائىر ئىستاتىستىكلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 18دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، كانادادىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 24384كە، قازا قىلغانلار 717 گە يەتكەن. ئىتالىيەيېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار 4092، جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار 156363


    ئىتالىيە خەلق ئىشلىرىنى قوغداش تارمىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 18گە قەدەر، ئىتالىيەدە نۆۋەتتىكى يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 102253كە، قازا قىلغانلار 19899غا، ساقايغىنى 34211گە، جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى 166363 كە يەتكەن، 4-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 18دىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچىدىن 4092سى، قازا قىلغانلاردىن 431ى يېڭىدىن كۆپەيگەن.


    ئىسپانىيە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار 4167، قازا قىلغانلار 619


    ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 12-ئاپرېل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسپانىيەدە ئالدىنقى كۈندىكىگە سېلىشتۇرغاندا يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارىدىن 4167سى، ئۆلگۈچىدىن 619ى يېڭىدىن كۆپەيگەن، جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى 166019غا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 16972 بىمار قازا قىلغان، 62391 بىمار ساقايغان.ئەنگلىيەقازا قىلغانلار 10 مىڭدىن ئاشقان، باش ۋەزىر جونسون دوختۇرخانىدىن چىقتى

    4-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئەنگلىيەدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 5288گە، جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى 84279غا يەتكەن. يېڭىدىن 737 بىمار قازا قىلغان، جەمئىي قازا قىلغانلار 10612گە يەتكەن. شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتە، يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون ئوڭۇشلۇق دوختۇرخانىدىن چىققان. باش ۋەزىر باياناتچىسىنىڭ دېيىشىچە، جونسون باش ۋەزىر داچىسى بولغان خىكس قورۇقىدا داۋاملىق ئارام ئالىدىكەن. جونسون يەنە ئۆزىنى داۋالاپ ساقايتقان داۋالاش ئەترىتىگە رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.


    فىرانسىيە يۇقۇمنىڭ «تەكشىلىشىش مەزگىلى» شەكىللىنىشكە باشلىغان

    فىرانسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنى جاكارلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا تەكرار ئىستاتىستىكىلاش مەسىلىسى ساقلانغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈن فىرانسىيەدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى ئازلاپ 95403 كە چۈشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، دوختۇرخانىغا ئېلىنغىنى 31826، كېسىلى ئېغىرلىرى 6845، جەمئىي قازا قىلغانلار 14393، ساقايغىنى 27186 بولغان. فىرانسىيە سەھىيە باش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سولومون فىرانسىيەنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىدا «تەكشىلىشىش مەزگىلى» شەكىللىنىۋاتقانلىقى كۆرسەتكەن ھەمدە پۇقرالارغا ھوشيارلىقنى داۋاملىق ساقلاشنى ئەسكەرتىپ، «ھازىر تېخى چەكلىمىنى ئېلىۋېتىدىغان چاغ ئەمەس» دېگەن. بۇنىڭدىن سىرت، گېرمانىيە-فىرانسىيە چېگراسىغا جايلاشقان گاشىم شەھىرىنىڭ باشلىقى قىسمەن فىرانسىيە پۇقرالىرىنىڭ گېرمانىيە چېگراسى ئىچىدە تۈكۈرگەنلىكى ياكى تۇخۇم ئاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مائاس بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيەلىك دوستلارنىڭ يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبلىك ھاقارەتلەنگەنلىكى، ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىدىن قاتتىق ئازابلانغانلىقى بىلدۈرۈپ، «بۇنداق قىلمىشلارنى ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن. مائاس يەنە يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ دۆلەت ئايرىمايدىغانلىقىنى يەنە تەكىتلىگەن.گېرمانىيەيېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى 2821، جەمئىي دىياگنوز قويۇلغىنى 120479


    گېرمانىيە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ئاپپاراتى روبىرت كوخ تەتقىقات ئورنى ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 12دىن 0 ئۆتكەنگە قەدەر، گېرمانىيەدە جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 120479غا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، قازا قىلغانلار 2673، ساقايغىنى 60200. 4-ئاينىڭ 11-كۈنى سائەت 0 دىكىگە سېلىشتۇرغاندا، يېڭىدىن 2821 بىمار كۆپەيگەن، 129 بىمار قازا قىلغان.گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستېنمېئىر 4-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېۋىزىيە نۇتۇقى سۆزلەپ، يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى گېرمانىيە جەمئىيىتىنى تۆت يول دوقمۇشىغا ئەكېلىپ قويدى، دېگەن. ئۇ پۇقرالارنى يۇقۇم ئالدىدا سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، مۇداپىئەلىنىش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆزئارا ئىشەنچنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، باشقىلارنىمۇ ئويلاش ۋە ئىشەنچكە تولۇشقا چاقىرغان.رۇسىيەبىر كۈن ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار 2000دىن ئېشىپ كەتكەن، موسكۋادا جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى ئون مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن


    موسكۋا ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 10دىن 30 ئۆتكەنگە قەدەر، رۇسىيە چېگراسى ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 2186گە، جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى 15770غا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، موسكۋادا يېڭىدىن كۆپەيگىنى 1306گە، جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى 10158 گە يېتىپ، رۇسىيە بويىچە يۇقۇم ئەڭ ئېغىر رايونغا ئايلانغان. تاكى ھازىرغا قەدەر، رۇسىيەدە جەمئىي ساقايغۇچى 1291گە، جەمئىي قازا قىلغانلار 130غا يەتكەن.موسكۋا شەھەر باشلىقى سوبيانىن، موسكۋا شەھىرىنىڭ يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ۋەزىيىتى 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ يامانلىشىشقا باشلىدى، بىمار سانى كۆپەيدى، دېگەن. موسكۋا شەھىرى 4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شەھەر بويىچە يۈرۈش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى قەدەممۇقەدەم يولغا قويغان.


    بېلگىيە جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى 29647، قازا قىلغانلار 3600

    4-ئاينىڭ 12-كۈنى، بېلگىيە فېدېراتسىيەسى جامائەت ساغلاملىق مۇلازىمىتى ئىدارىسى ۋە بېلگىيە كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، بېلگىيەدە ئالدىنقى كۈنگە سېلىشتۇرغاندا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 1629غا، جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى 29647غا يەتكەن؛ قازا قىلغانلار 3600گە يېتىپ، ئالدىنقى كۈندىكىدىن 268ى كۆپەيگەن.


    پورتۇگالىيە يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 16585غا يەتكەن

    شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، پورتۇگالىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، پورتۇگالىيە بويىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 16585كە، قازا قىلغانلار 504كە يەتكەن. 24 سائەت ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگىنى 598غا يەتكەن.


    ئاۋسترىيە جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى 13945، جەمئىي ساقايغۇچى سانى تۇنجى قېتىم ھازىر بار بىمار سانىدىن ئېشىپ كەتكەن

    ئاۋسترىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 12-كۈنىگە قەدەر، ئاۋستىرىيەدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 13945كە، ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگىنى 169غا، يېڭىدىن كۆپىيىش نىسبىتى %1.2كە يەتكەن. سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، ساقايغان بىمارنىڭ تىز سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار سانى ئازلاشقا باشلىغان. ئاۋستىرىيەدىكى ساقايغان بىمار سانى تۇنجى قېتىم ھازىر بار بولغان بىمار سانىدىن ئېشىپ كەتكەن.


    ياپونىيە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار 500، جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى 7399

    ياپونىيە رادىيو جەمئىيىتى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 23تىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، ياپونىيەدە شۇ كۈنى يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارىدىن 500ى يېڭىدىن كۆپىيىپ، جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار 7399غا، قازا قىلغانلار 137گە يەتكەن. ياپونىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى 7399غا يەتكەندىن سىرت، يەنە «ئالماس مەلىكە» ناملىق پاراخوتتىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى جەمئىي 712گە، ئۆلگەن بىمار 12گە يەتكەن.4-ئاينىڭ 10-كۈنىگە قەدەر، ياپونىيەدە دۆلەت ئىچىدىكى كېسىلى ئېغىر 125 نەپەر بىمار دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، «ئالماس مەلىكە» ناملىق پاراخوتتىكى يولۇچىلار ۋە مۇلازىملارنى قوشقاندا، ياپونىيەدە 1353 ئادەم دوختۇرخانىدىن چىققان.بۇنىڭدىن سىرت، توكيودا 4-ئاينىڭ 12-كۈنى يېڭىدىن 166 بىمار كۆپەيگەن، جەمئىي بىمار 2068غا يەتكەن بولۇپ، بۇ يەر ياپونىيە بويىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى سانى ئەڭ كۆپ رايون بولۇپ قالغان.


    كورېيە ئامېرىكىدىن كورېيەگە كىرگەن بارلىق ئادەملەر چېگرىدا تەكشۈرۈلىدۇ


    شۇ جاي ۋاقتى 12-چېسلا، كورېيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەدبىر قوللىنىش مەركىزىنىڭ باشلىقى جېڭ يىنجىڭنىڭ جاكارلىشىچە، كورېيە ئامېرىكىدىن كورېيەگە كىرگەنلەرگە قارىتىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدىكەن، 13-چېسلا سائەت 0دىن باشلاپ، ئامېرىكىدىن كېلىپ كورېيە چېگراسىدىن كىرگەنلەر ئائىلىسىدە ئايرىلىدىكەن ھەمدە چېگرادىن كىرگەندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە ۋىرۇس تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدىكەن.

    سىنگاپوريېڭىدىن كۆپەيگىنى 233، جەمئىيسى 2532


    سىنگاپوردا 4-ئاينىڭ 12-كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى 233، جەمئىيسى 2532 ؛ ساقايغىنى 32، جەمئىيسى 560. ئۆلگەن بىمار سانى كۆپەيمىگەن، جەمئىيسى 8؛ كېسىلى ئېغىرلاشقان بىمار 31غا يەتكەن.


    ھىندونېزىيە بىر كۈنلۈك يېڭىدىن كۆپىيىش ئەھۋالىدا يېڭى نۇقتا كۆرۈنگەن، ھاۋا تىرانسپورتىغا چەك قويۇلغان


    ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس ئىشلىرى باياناتچىسى يورىئاننىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىسپاتلىشىچە، ھىندونېزىيەدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 4241غا يەتكەن، يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار 399غا يېتىپ، بىر كۈنلۈك يېڭىدىن كۆپىيىش ئەھۋالدا يەنە بىر ئېگىز نۇقتا يارىتىلغان. نۆۋەتتە، 359 نەپەر بىمار ساقىيىپ چىققان، يەنە 373 بىمار ئۆلۈپ كەتكەن.ھىندونېزىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ 12-ئاپرېل جاكارلىشىچە، بۇ ئاپپارات ھىندونېزىيەنىڭ ھاۋا تىرانسپورتىغا چەك قويىدىكەن. كونكرېت ئېيتقاندا، ھەر قايسى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ يولۇچى ئېلىش مىقدارى %50 ئازىيىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئايروپىلان خادىملىرى قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدىكەن. تاكى ھازىرغا قەدەر، ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ھېچقايسى ئايروپورتىنى تاقىمىغان.

    ھىندىستان جەمئىيسى 8447، ھۆكۈمەت جايلاردا كاپالەت دۇكانلىرىنى ئاچقان


    ھىندىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى تورى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، تاكى شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 كە قەدەر (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 7دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە)، ھىندىستاندا جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى 8447غا يەتكەن، بۇلاردىن 273ى ئۆلۈپ كەتكەن، 765ى ساقىيىپ چىققان.دۆلەت بويىچە قامال قىلىش تەدبىرى ئۇزارتىلىش ئالدىدا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى جايلاردا «كاپالەتلەندۈرۈش دۇكىنى» دېگەن نامدا 2 مىليوندىن ئارتۇق زەنجىرسىمان پارچە سېتىش دۇكىنى قۇرۇشنى پىلان قىلغان. بۇ تەدبىر قاتتىق قامال قىلىش تەدبىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يۈزىسىدىن قوللىنىلغان بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك لازىمەتلىك ئېھتىياجى مۇشۇ ئارقىلىق قامدىلىدىكەن.


    پاكىستان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى 5230غا يەتكەن

    پاكىستان ساغلاملىق مۇلازىمىتى، باشقۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، شۇ كۈنى 22دىن 32 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، پاكىستاندىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى جەمئىي 5230غا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكىنى 91 نەپەر، كېسىلى ئېغىرلاشقىنى 37، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققىنى 1028 بولغان.


    ئىران يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى 1657، جەمئىيسى 71686


    ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنى جاكارلىشىچە، ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە، ئىراندا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 1657گە يەتكەن، يېڭىدىن 117 بىمار ئۆلۈپ كەتكەن. نۆۋەتتە بۇ دۆلەتتە جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى 71686گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن بىمار 4474كە، ساقايغىنى 43894كە يەتكەن. ئىسرائىلىيەجەمئىيسى 11145، ئىشسىزلىق ئېغىرلاشقان


    شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى كېچىدە، ئىسرائىلىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالى ئۇقتۇرۇشىدىن قارىغاندا، ئۆتكەن 12 سائەت ئىچىدە (4-ئاينىڭ 12-كۈنى سائەت 10دىن كەچ سائەت 22گە قەدەر)، بۇ دۆلەتتىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 267گە يېتىپ، جەمئىي بىمار سانى 11145كە يەتكەن؛ قازا قىلغانلار جەمئىي 103كە يەتكەن؛ 183 بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان؛ 1627 بىمارنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.ئىسرائىلىيە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مىرا گالورنىڭ 12-ئاپرېل بىلدۈرۈشىچە، 12-ئاپرېل كەچكە قەدەر، يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلاشقانلىقتىن، ئىسرائىلىيەدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۆرلەپ %25.8گە يەتكەن. يۇقۇم يۈز بېرىشتىن بۇرۇن بۇ نىسبەت %4 ئەتراپىدا ئىكەن.


    سەئۇدى ئەرەبىستان كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش مۇددەتسىز ئۇزارتىلىدۇ


    سەئۇدى ئەرەبىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈن ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 429غا يەتتى، يېڭىدىن قازا قىلغانلار 7گە يەتتى، بىر كۈن ئىچىدىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمار سانىدا ئۇدا 4 كۈن يېڭى رېكورت يارىتىلدى، دېگەن. بۇ دۆلەتتە ھازىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغۇچى جەمئىي 4462، بۇنىڭ ئىچىدە قازا قىلغان 59، 761 بىمارنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن.سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان شۇ كۈنى بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، مەملىكەت بويىچە كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويۇش ۋاقتىنى تاكى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلغانغا قەدەر داۋاملىق ئۇزارتقان.


    ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى سەھىيە ۋە ئالدىنى ئېلىش مىنىستىرلىقىنىڭ 4-ئاينىڭ 12-كۈنى جاكارلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە شۇ كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 387گە، يېڭىدىن ساقايغىنى 92گە، يېڭىدىن قازا قىلغىنى 2گە يەتكەن. تاكى ھازىرغا قەدەر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار جەمئىي 4123كە، جەمئىي ساقايغىنى 680گە، جەمئىي قازا قىلغىنى 22گە يەتكەن. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى سەھىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ساقايغانلارنىڭ قېنىنى باشقا يۇقۇملانغۇچىلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان.دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىتېدروس: ئەنگلىيەنىڭ سېخىيلارچە ئىئانىسىگە رەھمەت


    شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا 65 مىليون فوند ئىستېرلىڭ ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ سېخىيلارچە ئىئانىسىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىدۇ، بىز قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىساق، بۇنىڭ ئەنگلىيە خەلقىگىمۇ پايدىسى تېگىدۇ، دېگەن.


    ياۋروپا بانكىسى ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىسادى زەئىپلىككە يۈزلەنگەن


    ياۋروپا بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دې كىندوس يېقىندا ئىسپانىيە تاراتقۇسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يېڭىچە تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ زەربىسىدە، دۇنيا ئىقتىسادى زەئىپلىشىشكە يۈزلىنىدۇ، ياۋروپا ئىقتىسادى بولسا تېخىمۇ ئېغىر زەئىپلىشىشكە يۈزلىنىدۇ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش نىسبىتى ئەڭ ئاخىرىدا «شەھەرنى تاقاش» تەدبىرىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىغا باغلىق، دېگەن. خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، شەھەر بىر ئاي تاقالسا، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى %2 ~ %3 ئەتراپىدا بولىدىكەن.

    مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR

    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/yXc2s6MPP9Q3SImclaZA-w


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى