• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق قىشلىق تەتىل ئاخىرلاشتى!

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:30 13-04-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    «توپتوغرا ئۈچ ئاي قىشلىق تەتىلدىن كېيىن، ئاخىرى مەكتەپكە قايتىدىغان بولدۇق».4-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 16:34دە، چېڭدۇدىن كۇيتۇنگە بارىدىغان K4350 - قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز چېڭدۇ شىمالىي ۋوگزالىدىن دەل ۋاقتىدا يولغا چىقتى. پويىزغا مەكتەپكە قايتىدىغان 485 ئوقۇغۇچى ئولتۇرغان بولۇپ، سەككىز قاتتىق كارىۋاتلىق ۋاگوننىڭ ھەممىسى شىنجاڭ شىخەنزە داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تولغانىدى، بۇ پويىز 4-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 7:34 تە شىخەنزە ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدۇ.


    ئىگىلىنىشىچە، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە شىخەنزە داشۆسىنىڭ 700دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى ئىزچىل سىچۈەندە تۇرۇپ قالغان، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ تەرتىپلىك مەكتەپكە قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ مەكتەپ چېڭدۇ تۆمۈر يول تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، 4-ئاينىڭ 12-ۋە 13-كۈنىدىكى K4350 -قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنى ھۆددىگە ئېلىش شەكلىدە ئوقۇغۇچىلارنى چېڭدۇدىن شىخەنزىگە ئېلىپ كەلمەكچى بولغان.ئىگىلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا قاراشلىق 22 ئالىي مەكتەپ بېسىق مەزگىلدىن چەتنىتىش ئۇسۇلىدا دەرس باشلىغان. ميەنياڭدىن كەلگەن شيا خېلىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«دەسلەپتە پويىزنىڭ ھۆددىگە ئېلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى ھەيران قالدىم، كېيىن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، مەكتەپ يەنىلا ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپتۇ، بۇ قېتىم باشقا مەكتەپ ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مۇشۇنداق قولايلىق يارىتىپ بېرىپتۇ». گەرچە ئارىلىق ناھايىتى يىراق بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپ ئامال بار ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشقان، مەكتەپنىڭ بۇ تەدبىرى يەنىلا ماختاشقا ئەرزىيدۇ. قايتىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە بېرىشقا تەقەززا بولۇۋاتىدۇ.


    شيا خېلىننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن، ھازىرغىچە توپتوغرا ئۈچ ئاي دەم ئالغان. شيا خېلىن مۇنداق دېدى:«راستىنى ئېيتسام، مەكتەپكە قايتقۇم كەلدى، مەكتەپنىڭ ئۆگىنىش كەيپىياتىنى سېغىندىم».ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان زو خاۋغا نىسبەتەن شەخسەن ئۆزى بېرىپ بېلەت سېتىۋالمىسىمۇ بولىدىغانلىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ قولايلىق بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى:«ھازىر يۇقۇم مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، ئوقۇش باشلاش توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغىنىمدا بېلەت ئالالماسلىقتىن بەك ئەنسىرىگەنىدىم. ئوقۇتقۇچىمىز 4-ئاينىڭ بېشىدا، مەكتەپنىڭ پويىزنى ھۆددىگە ئېلىش شەكلىدە ھەر قايسى جايلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى توپتا ئۇقتۇرۇش قىلدى». مەكتەپنىڭ پويىزنى ھۆددىگە ئېلىش شەكلىدە ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلىش لىنىيەسىدە چېڭدۇدىن باشقا يەنە جېڭجۇ، جىنەن، لەنجۇدىن ئىبارەت ئۈچ لىنىيە بار.


    چېڭدۇ يولۇچىلار ئۇچاستىكىسى بۇ ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەر مەنزىلگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، پويىزغا چىقىش، مۇلازىمەت قىلىش، تاماق يېيىش قاتارلىق جەھەتلەردە يولۇچىلارغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. چېڭدۇ يولۇچىلار ئۇچاستىكىسى K4350-قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ باشلىقى جۇڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «بىز ئالدى بىلەن يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، قانچىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ پويىزغا ئولتۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا پويىزدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردۇق. ئوقۇغۇچىلار پويىزغا چىققاندىن كېيىن، پويىز خادىملىرى ئۇلارغا پۈتۈن مۇساپىدە ماسكا تاقاشنى، پويىزدا مېڭىپ يۈرۈش قېتىم سانىنى ئازايتىشنى ئەسكەرتىدۇ. شۇنداقلا بېسىق مەزگىلدىن چەتنەپ غىزالىنىش، ۋاگوننىڭ ئۆزىدە غىزالىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ غىزالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ».


    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى كودنى سكاننېرلاشقا تەشكىللەپ، ئەتىگەن، كەچتە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەيدۇ. ھەر بىر كىچىك ئىسمېنىدىكى خادىملار پويىزنىڭ نۇقتىلىق ئورۇنلىرىنى بىر قېتىم ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك دېزىنفېكسىيە قىلىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ۋاقىت، نۇقتا بەلگىلەپ ھاۋا ئۆتۈشتۈرۈپ، پويىز ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

    مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR

    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/6SHWJRmhNBO70Rztu28mIA


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى