• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    كۈندە ئىككى تال ئالما يەپ بەرسە خولېستېرىننى كونترول قىلغىلى بولىدىكەن

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 19:27 13-04-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    كونىلاردا: «كۈندە بىر تال ئالما يېسىڭىز، دوختۇردىن يىراق تۇرىسىز» دەيدىغان گەپ بار. دائىم ئالما يەپ بەرگەندە ۋىتامىن ۋە ئانئورگانىك تۇز قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار تولۇقلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قەۋزىيەتنى يېنىكلىتىش، بەدەننىڭ كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، قان شېكىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. «ئامېرىكا كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق ئىلمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەنگلىيە رېئادىڭ داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، دائىم ئالما يەپ بەرسە «ناچار» خولېستېرىن تۆۋەنلەپ، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولىدىكەن.

    تەتقىقاتقا قاتناشقان قاندىكى خولېستېرىن تەركىبى يىنىك دەرىجىدە يۇقىرى بولغان 40 تەجرىبە ئوبيېكتى(23 ئايال، 17 ئەر)نىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 51 ياش، ئوتتۇرىچە بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 25.3(ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن). تەجرىبە رەسمىي باشلىنىشتىن بۇرۇن، سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلارغا يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئىككى ھەپتە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىغان، ئۇلار ئاساسلىقى پايدىلىق باكتېرىيە، ئۆسۈشكە پايدىلىق ئېلېمېنت ۋە ئالما تەركىبى بار ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېيىشنى توختاتقان. تەجرىبە باشلانغاندىن كېيىن، ئۇلار ئىختىيارىي ھالدا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، بىر گۇرۇپپا ھەر كۈنى ئىككى ئالما(ئۇرۇقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېينكى ساپ ئېغىرلىقى 340 گرام) يېگەن، يەنە بىر گۇرۇپپا شېكىرى ئايرىۋېتىلگەن ئېنېرگىيەگە ماس كېلىدىغان سېلىشتۇرما ئىچىملىك ئىچكەن بولۇپ، ۋاقتى سەككىز ھەپتە بولغان. ئىككى گۇرۇپپىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ پەرقى شۇكى، ئالما تەركىبىدىكى پولىفېنول ۋە يېمەكلىك تالاسى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن. كېيىن تۆت ھەپتە ئارىلىقتا(ئالدىنقى بىر خىل يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەسىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن)، ئىككى گۇرۇپپىنىڭ يېمەك-ئىچمەك لايىھەسىنى تەڭشىگەن. سىناق مەزگىلىدە، سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىلار كۈندىلىك ئىستىمال قىلغان باشقا يېمەك-ئىچمەكلەر تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن. ھەر ھەپتىدە تەتقىقاتچىلار ئۇلاردىن ئاچ قورساق ھالەتتە قان ئېلىپ، قاندىكى ماي، قان شېكىرى، ئىنسۇلىن قاتارلىق بىئوخىمىيە كۆرسەتكۈچ ۋە قان تومۇر ئىقتىدارى، ياللۇغقا مۇناسىۋەتلىك بىيولوگىيەلىك بەلگىلەرنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، 20 ھەپتىلىك سىناق مەزگىلىدە، ئۇلار ئالما ياكى سېلىشتۇرما يېمەكلىكلەردىن باشقا، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى، قەنت، ياغ ۋە ئاقسىل قاتارلىقلارنىڭ تەركىبى ئاساسەن ئۆزگەرمىگەن، يېمەكلىكلەرنىڭ ئارىلىشىشىمۇ ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، بەل ئايلانمىسى، بەدەندىكى مايغا تەسىر كۆرسەتمىگەن. ئەمما ئالما يېيىش مەزگىلىدە، سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ بەدىنىدىكى ئومۇمىي خولېستېرىن مىقدارى ۋە تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىللىق خولېستېرىن، ترىگلىتسېرىدنىڭ ھەممىسى تۆۋەنلەپ، قىل قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىش رېئاكسىيەسى تېخىمۇ روشەن بولغان.

    تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، قاندىكى خولېستېرىن تەركىبى يىنىك دەرىجىدە يۇقىرى بولغانلار ئالمىنى كۆپ يەپ بەرسە، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىپ، قان تومۇرلارنىڭ فۇنكىسىيەسىنى ياخشىلايدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى