• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    2022-يىللىق خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى ئېلان قىلىندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:26 13-04-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    خەلق تورى، بېيجىڭ، 4-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى: خاڭجوۋ 2022-يىللىق 19-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى. خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قۇت بەلگىسى «جياڭنەنيى» دەپ ئاتالغان بىر گۇرۇپپا ماشىنا ئادەم بولۇپ، بۇ نام بەي جۈيى شېئىرلىرىنىڭ داڭلىق مىسراسى بولغان «جياڭنەن ئەسلىمىسى، ئەڭ ئەسلەيدىغىنىم يەنىلا خاڭجوۋ»دىن كېلىپ چىققان، ئۈچ قۇت بەلگىسىنىڭ نامى ئايرىم-ئايرىم ھالدا «سۇڭسۇڭ» «ليەنليەن» «چېنچېن».

    «سۇڭسۇڭ» ماشىنا ئادەمنىڭ ئوبرازى دۇنيا مىراسلىرى لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى خارابىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئىسمى لياڭجۇ قەدىمىي شەھىرى خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان ۋەكىل خاراكتېرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى يۈسۇڭنىڭ نامىدىن كەلگەن. ئۇ مول ھوسۇلغا سىمۋول قىلىنغان سېرىق رەڭنى ئاساسىي رەڭ قىلغان بولۇپ، باش قىسمىنىڭ بېزەك نۇسخىلىرى لياڭجۇ مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى بولغان «تاۋتيې»دىن ئېلىنغان، مەنىسى «جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، ئۆز-ئۆزىدىن ھالقىش».

    «ليەنليەن» ماشىنا ئادەمنىڭ ئوبرازى دۇنيا مىراسلىرى بولغان شىخۇ كۆلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، نامى شىخۇ كۆلىدىكى زۇمرەت رەڭلىك نېلۇپەر يوپۇرمىقىدىن كەلگەن.

    «چېنچېن» ماشىنا ئادەمنىڭ ئوبرازى دۇنيا مىراسلىرى بولغان بېيجىڭ-خاڭجوۋ قانىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، نامى بېيجىڭ - خاڭجوۋ قانىلىنىڭ خاڭجوۋ بۆلىكىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش گۇڭچېن كۆۋرۈكىدىن كەلگەن. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى كۆك رەڭنى ئاساسىي رەڭ قىلغان، بېشىنىڭ چوققىسىدا دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان چيەنتاڭخۇ كۆلى دولقۇنى، پېشانىسىگە گۇڭچېن كۆۋرۈكى نەقىشلەنگەن بولۇپ، كىشىگە چەكسىز تەسەۋۋۇر بېغىشلايدۇ.

    2022-يىللىق خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە جۇڭگونىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى