• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    دوسىت تۇتۇشنىڭ قائىدىسى نىمە ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:02 10-04-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    دۇنيادا نادان كىشىلەر ۋە ئاياللار بىلەن بىللە ئۆتۈش ئەڭ قىيىن ئۇلارغا بەك يېقىنلىشىپ كەتسەڭ ، سېنى ھۆرمەت قىلمايدۇ ، يىراقلاپ كەتسەڭ ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدۇ . نادانلار بىلەن ئۆتۈش ناھايىتى قىيىن ئۇنداق كىشىلەر ھەممىلا جايدا ئۇچرايدۇ بىللە ئۆتۈش قىيىن بولسىمۇ ، يەنىلا ئۇلار بىلەن ئارىلىشىمىزغا توغرا كېلدۇ ، شۇڭا نادان كىشىلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش بىر خىل ئىقتىدارى بىر خىل ئەقىل پاراسەت ھېسابلىنىدۇ . نادانلار بىلەن بىللە تۇرۇش قىيىن دېگىنىمىزدە ، ئۇلارنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىدىن نۇقسان بار دېگەنلىك ئەمەس ، بەلكى ئۇلارنىڭ قانداق ھەرىكەت سادىر قىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ ئۇلاردا ئۇلارنى ئىدراكسىز دېسەك ، ئۇلار ئاجايىپ ئەمەلىي ، ئۇلارنى ئىدراكلىق دېسەك بەزىدە ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ .
    ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ، چىقىشىپ ئۆتۈش قىيىن بولغىنى يالغۇز ئاياللار ۋە نادانلار بولماستىن بەلكى كۈندىلىك ئالاقە كىرزىسىمۇ باردۇر كۇڭزى دېگەندەك ئۇلارغا بەك يېقىنلىشىپ كەتسەڭ ، سېنى ھۆرمەت قىلمايدۇ ئۇ سۆز بىزگە كىشىلىك ئالاقە قانۇنى يەنى ئادەم بىلەن ئادەم بەك يىقىن بۇلۇپ كەتمەسلىكى بەك يىراق بولۇپ كەتمەسلىكىنى ئۆلچەمنى ئوبدان ئىگىلەپ ، يىراقمۇ يېقىنمۇ بولمىغان ئارىلىقنى ساقلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردۇ، بۇ ھەمدائىم دەيدىغان ماداراچىلىق يولى .
    مۇنداق بىر ھېكايە بار ئىكەن ئورمانلىقتا ئىككى كىرپە توڭلاپ تىترەپ كېتىپتۇ ئۇلار ئىسسىنىش ئۈچۈن بىر بىرىگە چاپلىشىپ تۇرۇپتۇ ، لىكىن بىر بىرىنىڭ تىكىنىڭ سانجىلىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ، تىزلا بىربىرىدىن يىراقلىشىپتۇ ، بىراق ھاۋا بەك سوغۇق بولغاچقا ، ئۇلار يەنە بىر بىرىگە چاپلىشىپ ئىسسىنماقچى بوپتۇ لېكىن بىللە تۇرغاندىكى ئاغرىق تۇپەيلىدىن يەنە بىربىرىدىن ئايرىلىپ يىراق تۇرۇپتۇ ، ئۇلار مانا مۇشۇنداق گاھ يىقىن گاھ يىراق تۇرۇپ سۇغۇق ۋەك تىكەندىن ئىبارەت ئىككى خىل ئازاب ئوتتۇرسىدا قاپتۇ ئەڭ ئاخىرىدا كىرىپىلەر لايىقىدا بىر ئارلىقنى تېپىپ چىقىپتۇ شۇندىن كىيىن ئۇلار ھەم ئىسسىنىپتۇ ھەم تىكەنلىرى بىر بىرىگە سانجىلماپتۇ.
    كىرپە قانۇنى دېگىنىمىز ، ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ مۇئامىلە قىلىش جەريانىدىكى پىسخىكىلىق ئېففېكتىنى كۆرسىتىدۇ قىزغىن بولۇش ئەمما مۆتىدىل بولماسلىق، سىپايە بولۇش ئەمما سوغۇق بولماسلىق ، بۇ كىشىلەر ئالاقىدار تەشەببۇس قىلىش نىشى كېرەك، ئارىلىق بەك يېقىن بولۇپ كەتسە ، كىشىلەر كۆپ ھاللاردا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەيدۇ بۇنىڭدا ئېنىق كۆرەلمەسلىك تۈپەيلىدىن خاتا ھۆكۈم چىقىرىدۇ شەيىلەر تەرەققىي قىلىپ ، چېكىگە يەتكەندە ئەسلى قىياپىتىگە قايتىدۇ، ئارىلىق بەك يىراق بولۇپ كەتسە ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى ئىشەنىچ يېتەرسىز بۇلىدۇ ، ئادەملەرگەرچىلىكمۇ سۇسلىشىدۇ ، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىمۇ سوغۇقلىشدۇ بۇنداق ئەھۋالنى ھېچكىم كۆرۈشنى خالىمايدۇ شۇڭا ئومۇمەن . ئىشلاردا ئۆلچەم بولۇشى ، مەلۇم ئارىلىق ساقلىنىش ھەركىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مۇستەقىل بوشلۇقى بۇلۇشى كىرەك ، مانا بۇ دوست تۇتۇشنىڭ قائىدىسى .
    1974-يىلى پىسخولوگ خۇمارىس مۇنداق كۆرسەتكەن ئىدى، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇئامىلە ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئىجتىمائىي ئالماشتۇرۇش بۇ خىل ئالماشتۇرۇش بازاردىكى تاۋار ئالماشتۇرۇشتا رىئايە قىلىدىغان پېرىنسىپقا ئوخشايدۇ يەنى ھەممە ئادەمم مۇئامىلە داۋامىدا قىلغان ئەجرىگە چۇشلۇق نەرسىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ئەمەلىيەتتە ئەجرىگە چۇشلۇق بولۇشى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ ئېرىشكىنى ئەجرىدىن كۆپ بولسىمۇ ئادەمدەك پىسخىكىلىق تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلىدۇ .
    دائىم ئويلاپ يېپىشىۋالماسلىق ،بىراقلا ئۇنتۇپ ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىق مانا مۇشۇنداق دوسلۇقلا ئۇزۇن مەزگىللىك بۇلىدۇ ،كىشىلىك ئالاقىدە مەيلى ئاشىق مەشۇق بولسۇن ۋە ياكى خىزمەتداشلار بولسۇن كۇنبۇيى بىللە بۇلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق ،بىر مەزگىللىك قىزغىنلىق ،بىر مەزگىللىك سۇسلۇق ،خۇشامەت بولمىغان ساداقەتمەنلىك ئادەمگە ئېللىقلىق يەتكۈزىدۇ ،مانا بۇ ئەڭ ياخشى ھالەت ھەممە ئادەمنىڭ ئۈزىگە چۇشلۇق تۇرمۇشى مۇناسىۋەت دائىرسى بۇلىدۇ ،ئۆلچەمنى ياخشى ئىگەللىگەندىلا ئاندىن دوسلۇق گۇللىرى پۇرەكلەپ ئېچىلىدۇ .

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    • دوسىت تۇتۇشنىڭ قائىدىسى نىمە ؟
    • دوسىت تۇتۇشنىڭ قائىدىسى نىمە ؟
    • دۇنيادا نادان كىشىلەر ۋە ئاياللار بىلەن بىللە ئۆتۈش ئەڭ قىيىن ئۇلارغا بەك يېقىنلىشىپ كەتسەڭ ، سېنى ھۆرمەت قىلمايدۇ ، يىراقلاپ كەت ..
    بەخىت دوختۇر خانىسى