• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    قان تىپىڭىز بىلەن بۇ تۈردىكى خاراكتېرلىرىڭىز ماسلىشامدىكەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:27 09-04-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    * ئەڭ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان كىشىلەر بولسا O قان تىپىدىكىلەر بولۇپ، ئازراقلا ئىشلار ئۇلارنى ئاچچىقلىتىدۇ. خاراكتېرىدە ئاسانلا چېچىلىدىغان مىجەز بولۇپ، «ئاچچىقىمنى چىقىرىۋېلىشنى ئويلىغانىدىم»نى سەۋەب قىلىپ قاتتىق ئاچچىقلىنىدۇ.

    B قان تىپىدىكىلەر. قارىماققا مىجەزى ناھايىتى ياخشى بولغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە مىجەزى تۈز، ئاچچىقى مېڭىسىگە چىقسا ئادەتتىكى چاغدىكى ئەقلىي شۇ ھامان يوقايدۇ، ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭ نېمىشقا ئاچچىقلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ.

    AB قان تىپىدىكىلەر سوغۇققان دەپ نام ئالغان ئۇلار ئاساسەن ئاچچىقلانمايدۇ، ئەمما ئاچچىقى كەلسە ناھايىتى قورقۇنچلۇق بولۇپ كېتىدۇ، بىراق ئۇلار كەيپىياتىنى تىزگىلىنلىيەلەيدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئاچچىقلانسىمۇ ئاسانلا ئۆزىنى باشقۇرۇپ تۇراقلىشالايدۇ.

    A قان تىپىدىكىلەر سەۋرچان كېلىدۇ، ھەمىشە پەقەت چىداپ تۇرالمىغاندا ئاندىن پارتلايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاچچىقى كېلىپلا قالسا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تولىمۇ تەس.
    * چىراي ۋە گەپ-سۆزگە قاراپ ئىش تۇتۇشنى بىلمەيدىغانلار:

    B قان تىپىدىكىلەر ئەركىن-ئازادە، ئۆزۈمنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلىمەن، ئەتراپىمدىكىلەر قانداق بولسا مەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى دەيدىغان تىپ بولۇپ، ئېغىزىغا نېمە كەلسە شۇنى دەپ، باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلاشمايدۇ.

    O قان تىپىدىكىلەر زېھنىنى ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرگەچكە، ئەتراپىدىكى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇپلا قالىدۇ.

    A قان تىپىدىكىلەر باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق قارايدىغانلىقىغا بەك ئېتىبار بەرگەچكە قارشى تەرەپنىڭ تەنقىدىگە قەتئىي چىداپ تۇرالمايدۇ. شۇڭا ئۇلار ئەتراپىدىكى ئىشلارنى جېنىنىڭ بارىچە كۆزىتىپ، سەۋەنلىك كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىدۇ.

    AB قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئىنكاسى تېز، شۇ ھامان ئانالىز قىلىش ۋە مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى بار، ئەتراپىدىكى ئەھۋالنى دەرھال ھېس قىلالايدۇ ۋە چۈشىنىدۇ ھەمدە كۆڭۈلدىكىدەك يۈزلىنەلەيدۇ.
    * يىغىشتۇرۇش ۋە رەتلەشكە ماھىر قان تىپىدىكىلەر بولسا A قان تىپىدىكىلەر زىيادە چېچەنلىكنى ياقتۇرىدۇ. ئۆي ئىچىدىكى چوڭ تازىلىق، يىغىشتۇرۇش ئىشلىرى ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان، نېمىنى ئىشلەتكەن بولسا شۇنى ئەسلى جايىغا قايتۇرىدۇ.

    AB قان تىپىدىكىلەر تۇرمۇشىنى سۈپەتكە ئىگە قىلىشنى ئارزۇلايدۇ. ھەتتاكى ئۆي جاھازىلىرىنىڭ شەكلىگىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئاددىي، يىغىنچاق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ياقتۇرىدۇ شۇڭا كېرەكسىز نەرسىلەرنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن تاشلايدۇ.

    O قان تىپىدىكىلەر تازىلىق ۋە رەتلەشنى قەرەللىك يۈرگۈزۈش ۋە بىر قېتىمدا پۈتكۈزۈش دەپ قاراپ، ھەرخىل ئۇششاق نەرسىلەرنى تارتمىغا تىقىپ، باشقىلارنىڭ تارتمىنى ئېچىپ ئۆزىنىڭ قالايمىقىنىنى كۆرۈشىنى خالىمايدۇ.

    B قان تىپىدىكىلەرنى بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا، يىغىشتۇرۇشقا ماھىر ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ. ئەركىن ئازادە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان B قان تىپىدىكىلەر «تازىلىق قىلمىساممۇ تۇرمۇش يەنىلا داۋاملىشىۋېرىدىغۇ» دەيدىغان بولغاچقا، ئەزەلدىن بۇ جەھەتتە تىرىشمايدۇ.
    * بىر يۈەننىمۇ تەڭ سوممىدا چىقىرىشىدىغانلار:

    A قان تىپىدىكىلەر قانچىلىك پۇلى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بانكىغا پۇل قويىدۇ. مال-دۇنيا جەھەتتە بىر تىيىن پۇلنى ئىسراپ قىلىشنى خالىمايدۇ ۋە باشقىلارغا ئادىمىگەرچىلىك قەرزى بولۇشنىمۇ خالىمايدۇ. دوستلىرى بىلەن بىر يۈەن پۇلنىمۇ تەڭ سوممىدا بۆلۈشۈپ چىقىرىدۇ.

    AB قان تىپىدىكىلەر باشقىلارنىڭ مېھمان قىلىشىغا كۆنۈپ قالغان بولۇپ، پۇلىنى زىياپەتكە ئەمەس، ئۆزى ئويلىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىشنى ئويلايدۇ.

    B قان تىپىدىكىلەر پۇلغا ئازراقمۇ چۈپەيلىك قىلمايدىغان بولۇپ، پۇل چىقىرىش جەھەتتە تولىمۇ مەرد، ئۇلار كىچىك ھالقىلارغا ئېسىلىۋېلىشتىن تولىمۇ بىزار.

    O قان تىپىدىكىلەر باشقىلارنى مېھمان قىلىشنى ياقتۇرىدۇ، دوستلىرى بىلەن غىزالانغاندا كۆپرەك پۇل خەجلەپ قويغىنىنى تىلغا ئېلىشنى زېرىكىشلىك ھېس قىلىدۇ.
    * پۇلنى قالايمىقان خەجلەش جەھەتتە:

    B قان تىپىدىكىلەر ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئىسراپخورلار بولۇپ، كەلگۈسىنى ئويلاشمايدۇ، ھازىر ئېرىشمەكچى بولغانلىرىنىلا مۇھىم بىلىپ، دائىم ۋايىغا يەتكۈزۈپ مال سېتىۋالىدۇ.

    O قان تىپىدىكىلەرنىڭ رەھبەرلىك قىلىش قابىلىيىتى يۇقىرى بولۇپ، مېھمان قىلىش قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسىمۇ، بىرىنچىلەپ پۇكەيگە يۈگۈرەيدىغانلاردىن ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا قانچە كۆپ پۇلى بولغان تەقدىردىمۇ يېتىشمەيدۇ.

    AB قان تىپىدىكىلەر روھىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئىشتىھاغا قارىغاندا ئۇلار ماددىي تەلپۈنۈشىنى قاندۇرۇشنى ئارزۇلايدۇ، شۇڭا مال سېتىۋېلىشنى بەكلا ياقتۇرىدۇ.

    A قان تىپىدىكىلەر ئېغىر-بېسىق، ئىقتىسادچان خاراكتېردە بولۇپ، ئاساسەن قالايمىقان پۇل خەجلىمەيدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر كۈنى قىزىققانلىق بىلەن سېتىۋىلىش زۆرۈر بولمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالغىنىدا، سوممىسى ئاز بولغان تەقدىردىمۇ ئېغىر پۇشايمان قىلىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى