• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    يارىلانغان بوۋاق بىر مىليون 850 مىڭ يۈەن تۆلەمگە ئېرىشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:57 07-04-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    2018-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۈەن شەھىرىدىكى بىر ئولتۇراق رايونىدا، بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇغۇلغىنىغا ئاران ئۈچ ئاي بولغان فەن فەننى سىرتتا ئايلاندۇرۇپ، بىنا ئىشىكى ئالدىدا كەلگەندە، ئېگىزدىن چۈشكەن بىر ئالما فەنفەننىڭ بېشىنى يارىلاندۇرغان، ئارقىدىن بوۋاق دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ قۇتقۇزۇلغان.


    دۇڭگۈەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئالمىنى ئۆيدە يالغۇز قالغان قىزچاق شياۋشىڭنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. 3-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا توردا ھۆكۈم ئېلان قىلغان، بىرىنچى سوتتا ۋەقە سادىر قىلغان قىزنىڭ ۋەسىيلىرىگە بىر مىليون 850 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلەش ھۆكۈم قىلىنغان.

    بۇ تۆلەم سوممىسى ئېگىزدىن نەرسە چۈشۈپ كېتىشكە ئائىت ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلولىرىدا ئانچە كۆپ كۆرۈلمەيدۇ. لېكىن ئايرىم دېلوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ سومما ئېشىپ كەتمەيدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بوۋاق يەتتە قېتىم دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان، كۆپ قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن خەتەردىن قۇتۇلغان، بۇ جەرياندا جەمئىي 153 كۈن دوختۇرخانىدا ياتقان.

    ئەدلىيەلىك باھالاش يەكۈنى بويىچە، باش سۆڭىكى زەخىملەنگەنلىكتىن، سول تەرەپ يارتا پالەچ بولۇپ قېلىش ۋە باش سۆڭىكىنى ئېچىش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2-دەرىجىلىك، 10-دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ باھالانغان، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنىغا ئاساسەن، باشقىلارنى مېيىپ قىلىپ قويغاندا، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان تەرەپ داۋالىنىش ھەققى، قاتناش ھەققى، ئىش دەخلىسى ھەققى قاتارلىقلاردىن باشقا، قاراش ھەققى ۋە مېيىپلىك تۆلەم پۇلىنىمۇ تۆلىشى كېرەك. بۇنىڭدا بوۋاقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى كۆپ قىسىمنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئوخشاش دەرىجىدىكى پەرۋىش خادىملىرىنىڭ ئەمگەك ھەققى ئۆلچىمىگە ئاساسەن، پەرۋىش مۇددىتى 20 يىل، پەرۋىش كوئېففىتسېنتى %80 بويىچە ھېسابلىنىدۇ، ئاندىن تۆلەپ بولغان پۇلنى چىقىرىۋەتكەندە، جەمئىي بىر مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تۆلەم سوممىسى ھۆكۈم قىلىنغان.

    ئالما چۈشۈپ كېتىپ يارىلانغان قىز بوۋاق بەدىنىنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئالاھىدە كۈتۈنۈشكە موھتاج مېيىپ بولۇپ قالدى، كىيىنكى كىشىلىك ھايات يولى ئەگرى-توقايلىققا تولغان بولىدۇ. بۇنداق بالا-قازا قايسى ئائىلىدە يۈز بەرگەن بولسا، بەرداشلىق بېرەلمەي قىلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، بىر مەيدان ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھەق تەلەپ دەۋاسىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاز بولمىغان تۆلەم پۇلىغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، قىز بوۋاق ۋە بۇ ئائىلىگە ئېلىپ كەلگەن غايەت زور زىياننىڭ ئورنىنى تولۇقلاش مۇمكىن ئەمەس. ئېھتىياتسىزلىقتىن ئالمىنى چۈشۈرۈۋەتكەن كىچىك قىز ئۆزىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئائىلىسى غايەت زور تۆلەم پۇلى تۆلەپلا قالماستىن، ئۆزىمۇ خېلى ئېغىر روھىي بېسىمغا ئۇچرىدى. قانداق قىلغاندا فەنفەننىڭ تىراگېدىيەسىنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ بۇ ھەممەيلەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە!

    مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR

    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/VusG0q5k64QAhBaLrVPMKA


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى