• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    بۇ ​بايرامدا خۇاڭشەن مەنزە رايونى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:03 05-04-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    نەق مەيداندىكى كۆرۈنۈش بۇ يەردە!

    4-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە خۇاڭشەن مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولۇپ، مەنزىرە رايونىغا كىرىش توختىتىلدى.

    خۇاڭشەن مەنزەر رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئورگان تور بېكىتىنىڭ سائەت 7:39دا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىرغىچە مەنزىرە رايونىغا كىرىدىغان ساياھەتچىلەر سانى 20 مىڭ قىلىپ چەكلەنگەن، ساياھەتچىلەرنىڭ مەنزىرە رايونىغا كىرىشى توختىتىلغان، ساياھەتچىلەر باشقا ساياھەت لىنىيەسىنى ياكى باشقا كۈنى ساياھەت قىلىشنى تاللىسا بولىدىكەن.

    4-ئاينىڭ 4-كۈنى خۇاڭشەن تېغى مەنزىرە رايونى سەھەردىلا ساياھەتچىلەر سانىغا چەك قويۇش تەدبىرىنى قوللانغان.4-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 9:22دە، خۇاڭشەن مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئورگان تور بېكىتىدە مۇنداق خەۋەر ئېلان قىلىنغان: ھازىرغا قەدەر، ساياھەتچىلەرنىڭ سانىغا قويۇلغان چەك، يەنى 20 مىڭ ئادەمنىڭ %80ى مەنزىرە رايونىغا كىرىپ بولدى، ساياھەتچىلەرنى چەكلەش تەدبىرى ئۇزاققا قالماي يولغا قويۇلىدۇ. باشقۇرۇش كومىتېتى سائەت 10:28دە مەنزىرە رايونىغا كىرگەنلەر سانىنىڭ 20 مىڭغا يەتكەنلىكىنى، بېلەت سېتىشنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.




    ئورگان تور بېكىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 4-كۈنى، يەنى، چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى، خۇاڭشەن مەنزىرە رايونىدا ھاۋا ئوچۇق بولغان. ئەنخۇي ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلەردىن كىرىش بېلىتى ھەققى ئېلىنمايدىغان بولغاچقا، مەنزىرە رايونىغا كىرگەنلەر ئىچىدە ئەنخۇيدىكى ساياھەتچىلەر كۆپرەك بولغان.

    خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: 4-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خۇاڭشەن مەنزىرە رايونىدا ئاپتوموبىللار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. بىخەتەرلىك ساغلاملىق كودىنى تەكشۈرۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش قاتارلىق يۇقۇم مەزگىلىدىكى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغاچقا، مەنزىرە رايونىنىڭ ئالمىشىش مەركىزىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ يۈرۈشۈشى بىر قەدەر ئاستا بولدى. خۇاڭشەن مەنزىرە رايونى قاتناش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن 4-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ جەنۇبىي دەرۋازىدىكى يىغىلىش -تارقىلىش مەركىزى بىلەن جەنۇبىي دەرۋازىدىكى شۆبە مەركەزدىن ئىبارەت ئىككى ئالمىشىش نۇقتىسىنى ئېچىپ ساياھەتچىلەرنىڭ بېلەت سېتىۋېلىپ تاغقا چىقىشىنى تارقاقلاشتۇردى. مەنزىرە رايونىنىڭ يولۇچى توشۇش شىركىتى 120 يولۇچى توشۇش ئاپتوبۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سائىتىگە تاق يۆنىلىشتە 5300 ساياھەتچىنى توشۇدى. بىخەتەرلىك ساغلاملىق كودىنى تەكشۈرۈش يولىدىن سەككىزنى تەسىس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى ئالمىشىش نۇقتىسىغا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئەسۋابى ئورنىتىلىپ، ئۇچراشماي تۇرۇپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمالسىز ساياھەتچىلەر بايقالغان ھامان ئاپتوماتىك ساقچىغا مەلۇم قىلىنىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە قېلىپلاشتۇرۇلۇپ بىر تەرەپ قىلىندى.بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 تىن باشلاپ، خۇاڭشەن مەنزىرە رايونىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋاقتىنچە توختىتىلغانىدى. يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ تەدرىجىي مۇقىملىشىشىغا ئەگىشىپ، خۇاڭشەن مەنزىرە رايونى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى.

    مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR

    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/58OmRkdDF00SK7UTpNBgCg


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى