• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 300 مىڭدىن ئاشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:00 05-04-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تىرامپ مۇخبىرلار يىغىنىدا (ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى)

    ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 300 مىڭدىن ئاشقان. ئامېرىكا ھازىر دۇنيا بويىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالغان.
    سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 15:50 كە قەدەر (بېيجىڭ ۋاقتى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 3:50)، ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق 300 مىڭ 915 كە، قازا قىلغانلار 8162 گە يەتكەن.
    سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نىيۇيورك ئىشتاتىدا يۇقۇم ئەڭ ئېغىر بولۇپ، 113 مىڭ 806 كىشى يۇقۇملانغان، 3565 ئادەم قازا قىلغان. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 10 مىڭدىن ئاشقان ئىشتاتلاردىن يەنە يېڭى جېرسېي ئىشتاتى، مىچگان ئىشتاتى، كالىفورنىيە ئىشتاتى، لۇئىسئانا ئىشتاتى، فىلورىدا ئىشتاتى، ماسساچۇسېتس ئىشتاتى ۋە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى قاتارلىقلار بار.
    بۇ سانلىق مەلۇماتلار جونس خوپكىنس داشۆسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس تەتقىقات تۈرى بويىچە توپلانغان ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى ئىشتاتلىرىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى دوكلاتىدىن كەلگەن.

    مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
    http://www.uycnr.com/zdgz2019/202004/t20200405_1392099.html

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى