• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئەخلەت قىسقا ئۇچۇرلارنى توسۇشتا مۇلازىمەت شىركەتلىرى كارغا كەلمەمدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:33 05-04-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بۇ يىلقى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 315 سەنئەت كېچىلىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلدى، ئۆتكەن 30 يىلنى ئەسلىسەك، كېچىلىكتىكى ئەڭ چوڭ «دەرتمەن» كىم بولۇشى كېرەك؟ مېنىڭچە، دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركىتى بولۇشى كېرەك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركىتى كۆپ قېتىم تۈرلۈك مەسىلىلەر سەۋەبىدىن كېچىلىككە چىقتى، ئىلگىرى ئىككى قېتىم ئاشكارىلانغىنى دەل نۇرغۇن كىشىلەرنى بىزار قىلىدىغان ئەخلەت قىسقا ئۇچۇر ئىدى.


    2012-يىلى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 315 كېچىلىكىدە قىسقا ئۇچۇر ئېلان شىركىتىنىڭ جۇڭگو تېلېگرافنىڭ پۈتۈن تور قىسقا ئۇچۇر يولىدىن پايدىلىنىپ ئەخلەت قىسقا ئۇچۇر يوللىغانلىقى ئاشكارىلاندى، ئارقىدىن كۆپلىگەن تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەخلەت قىسقا ئۇچۇرلارنى يوللاشقا ھەر خىل قولايلىقلارنى يارىتىپ بەرگەنلىكى مەلۇم بولدى. 2014-يىلىغا بارغاندا، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 315 كېچىلىكى يەنە ئەخلەت قىسقا ئۇچۇر ئاپتوموبىل ئۈسكۈنىسىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خىل قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئۈسكۈنىسى ئىنتايىن ئاددىي، ئىشەنچلىك بولۇپ، ئادەتتىكى پىكاپ ئىچىگە قويغىلى بولىدۇ، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئەتراپتىكى يانفون ئابۇنتلىرىغا خالىغانچە ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدۇ.


    گەرچە ئىككى قېتىم ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ئەخلەت ئۇچۇر مەسىلىسى تۈپتىن تۈگىتىلگىنى يوق، يەنىلا كىشىلەرنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، مەسىلەن، «12321 مەركىزى» ھەر ئايدا نەچچە ئون مىڭ ئەخلەت ئۇچۇر مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ.



    نېمە ئۈچۈن خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ ئادەتتىكى بىر كەسپى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدىغان «بويۇنتۇرۇق» بولۇپ قالىدۇ؟ زادى مەسىلە نەدىن چىقتى؟


    بەزىلەر خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرى كىرىم قىلىش ئۈچۈن زېھنىي كۈچىنى سەرپ قىلىپ ئەخلەت ئۇچۇرلارنى تۈزەشنى خالىمايدۇ، دەيدۇ. ئەمما ئۇلارمۇ خېلى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، مەسىلەن، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى مەخسۇس گۇرۇپپا قۇردى، 2019-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە تۆت مىليارد 100 مىليون ئەخلەت قىسقا ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلدى، 810 مىليون قېتىملىق پاراكەندىچىلىك تېلېفونى توسۇپ قېلىندى، 108 مىليون قېتىم خەلقئارالىق ئالدامچىلىق تېلېفونى، 25 مىليون 300 مىليون قېتىم پاراكەندىچىلىك تېلېفونى توسۇپ قېلىندى، 100 مىڭ ناچار تور بېكىتى توختىتىۋېتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تۇنجى 5G بىخەتەرلىكى دۆلەت ئۆلچىمى تۈرى تۇرغۇزۇلدى.


    يۇقىرىقى ھەرىكەتلەردىن قارىغاندا، بەلكىم قىسمەن رايونلار ياكى مەلۇم ھالقىلاردا خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ تېخى يېتەرلىك بولمىغان جايلىرى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرى ئەخلەت ئۇچۇرلارنى تىزگىنلەشنى خالىمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ، بۇنداق دېسەك ئېنىقلا خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرىگە ئادىل بولمايدۇ.


    ئۇنداقتا كېيىنكى مەسىلە شۇكى، خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرى تۈزەشنى خالىمىغان، ئەخلەت ئۇچۇر مەسىلىسى يەنىلا كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى تۈزەشكە يېتەرلىك ئىقتىدارى قالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟


    ئەمەلىيەتتە، خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىشى ناھايىتى ئاددىي، مەسىلەن، ئاددىي ئۇسۇل-ئەگەر بىرسى ئەرز قىلسا، تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن قىسقا ئۇچۇر يوللاش نومۇرىنى بىۋاسىتە توختاتسا بولىدۇ، بۇ ئەڭ بىۋاسىتە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئۇسۇلدىكى مەسىلە شۇكى، ئۇ ئۇچۇر ئەخلەت قىسقا ئۇچۇرغا كىرەمدۇ-يوق؟


    بىر ئۇچۇر پايدىلىق كىشىلەر ئۈچۈن بىر ياخشى ئۇچۇر، پايدىسى يوق كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئەخلەت ئۇچۇر ھېساپلىنىدۇ، مەسىلەن، باشقىلار ئەڭ كۆپ ئەيىبلىگەن يەر مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك ئۇچۇرى، ئۆي سېتىۋالماقچى بولغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر قىممەتلىك ئۇچۇر، ئۆي سېتىۋېلىش ئېھتىياجى يوق كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ بىر ئارتۇقچە قىسقا ئۇچۇر. نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىق شۇكى، ھېچكىم بۇ ئۇچۇرنىڭ ئەخلەت ئۇچۇرغا كىرىدىغان-كىرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا كېسىم چىقارمىدى.


    خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەمەل قىلىدىغىنى بىر خىل توختام روھى، ئۇ خېرىدار بىلەن كەسپىي كېلىشىم ئىمزالايدۇ. ئەگەر خېرىدار كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قىسقا ئۇچۇر يولى (مەسىلەن، باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش) نى ئىشلىتىپ قانۇنغا خىلاپ ئىش قىلسا، مەسىلەن، ئالدامچىلىق ئۇچۇرى تارقاتسا، خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرى بۇ نومۇرنى پېچەتلەشكە ھوقۇقلۇق. ئەگەر خېرىدارلار قىسقا ئۇچۇر كەسپىنى نورمال ئىشلىتىپ، ئابۇنتلارغا تەسىر يەتكۈزسە، بۇ يەردىكى ھوقۇق-مەسئۇلىيەتنى قانداق ئادا قىلىش كېرەك؟


    مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى شۇكى، بۇ ئىشتا سوتچىمۇ، قانۇن ئىجرا قىلغۇچىمۇ يوق، ھەممە ئادەم خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ ھەم سوتچى، ھەم ساقچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرى بۇنى قىلالامدۇ؟


    5G دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، 5G تور بىخەتەرلىكى كەسىپكە يېڭى خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ، مەسىلەن، كەسىپنى ئىشلىتىش كەلتۈرۈپ چىقارغان بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى، يېڭى تېخنىكا كىرگۈزۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى، ناچار ئۇچۇرلارنى تۈزەش خەۋپ-خەتىرى قاتارلىقلار. 5G بىخەتەرلىكىدە بىرىكىش تىپلىق ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى، پەقەت خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت كارخانىلىرىغىلا تايىنىپ ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، كەسىپ زەنجىرىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشىگە، تېخىمۇ مۇھىمى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ھوقۇق-مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى