• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتى نېمىشقا ئادەمنى چۆچۈتىدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:19 05-04-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: دۇنيادا بىر مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى. ھازىر يۇقۇم پۈتۈن دۇنيادىكى 200 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا يامرىدى. بۇ سانلىق مەلۇمات نېمىشقا ئادەمنى شۇنچە چۆچۈتىدۇ؟

    تونۇپ يېتىش يېتەرلىك بولماسلىق

    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سەھىيە جىددىي تۈرىنىڭ مەسئۇلى مايكۇل رىئاننىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈنكى يۇقۇم ئەھۋالى ئەمەلىيەتتە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ھەپتە بۇرۇنقى يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى ئىكەن. گەرچە ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىنتايىن قاتتىق بولغان يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەدبىرلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بېرىشىگە يەنىلا ۋاقىت كېتىدىكەن.باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىككى ھەپتە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن، نۇرغۇن دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاممىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ خەتىرىگە بولغان تونۇشى يېتەرلىك بولمىغان، يېتەرلىك ۋە ئۈنۈملۈك بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغان.يۇقۇم ئەڭ ئېغىر بولغان ئامېرىكىنى مىسالغا ئالساق، ئامېرىكا «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى بىر ماقالىسىدە، ئامېرىكىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى «چاك-چېكىدىن يېرىلغان، قالايمىقانلىشىپ كەتكەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلەنگەن. ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: ئامېرىكىدا «مەملىكەت خاراكتېرلىك كۈچلۈك ماسلىشىش كەمچىل»، «سىياسىي رەھبەرلەر تارقاتقان مۇتەئەسسىپ ئۇچۇرلار» يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. ئەمەلىيەتتە، 3-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچكىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ مەملىكەتلىك تېلېۋىزىيە نۇتۇقىدا يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا خەلققە يۇقۇمنىڭ ئانچە ئېغىر ئەمەسلىكى، يۇقۇملىنىش خەۋپىنىڭ «ناھايىتى، ئىنتايىن تۆۋەن» ئىكەنلىكى توغرىسىدا سىگنال بەرگەن.


    سۈرەتتە:4-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدىكى برۇكلىن كوچىسىدا كېتىۋاتقان كىشىلەر. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (گو كې فوتوسى)ئامېرىكا رەھبەرلىك قاتلىمى يۇقۇمغا «يۈزەكى قارىغانلىقى» ئۈچۈن، ئادەتتىكى ئاممىنىڭمۇ يۇقۇمغا بولغان تونۇشى تەبىئىيلا تۆۋەنلەپ كەتكەن. «نىيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى ھەپتە بۇرۇن تېكساس داشۆسىنىڭ ئوستىن شۆبە مەكتىپىدىكى تەخمىنەن 70 ئوقۇغۇچى ئەتىيازلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە يىغىلىش ئۆتكۈزگەن، ھازىر 44 كىشىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. پەقەت ئامېرىكىلا ئەمەس، باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئاممىنىڭمۇ يۇقۇمنىڭ ئېغىرلىقىنى تونۇپ يېتىشى كەمچىل بولغان. ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنۇلارنى كۆرسىتىلگەن: «ئىتالىيەنىڭ شىمالىي رايونىغا ئايرىش رايونى تەسىس قىلىش باشلانغاندىمۇ، 30 ياشتىن تۆۋەن نۇرغۇن ياشلار داۋاملىق ئادەتتىكىگە ئوخشاش سىرتقا چىقىپ پائالىيەت قىلغان، يەكشەنبە كۈنى دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ ئاپتاپسىنىپ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىغا ئېغىر تەگكەن».

    تەكشۈرۈش يېتەرلىك بولماسلىق

    ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەكشۈرۈش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى ۋە تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى بىمارلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشقان، بۇمۇ تەكشۈرۈش جەريانىدىكى ئېغىر يېتەرسىزلىكنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدىكى مۇھىم سەۋەب ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئامېرىكىدا ھەر بىر مىليون ئادەم ئىچىدە تەخمىنەن 2.4 ئادەم تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش مەزگىلدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان تۇنجى بىمار بايقالغان كورېيەدە ئەينى چاغدا ھەر بىر مىليون ئادەم ئىچىدە 154.7 ئادەم تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن 3- ئاينىڭ بېشىغىچە، ئامېرىكىدىكى تەكشۈرۈش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئاشقان. لېكىن 3-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، ئامېرىكىدا ھەر بىر مىليون ئادەم ئىچىدە يەنىلا ئاران 2250 ئادەم تەكشۈرۈلگەن، بۇ سان كورېيەدە يېقىنقى ئۈچ ھەپتىدىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈلگەن ئادەم سانىنىڭ 3/2 قىسمىغا توغرا كەلگەن. ھازىر ئامېرىكىدا تەخمىنەن بىر مىليون ئادەم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى تەكشۈرتتى، ھەر كۈنى تەكشۈرۈلىدىغان ئەۋرىشكە 100 مىڭغا يەتتى.يۇقۇم ئېغىر بولغان ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلە يەنىلا تەكشۈرۈش تەجرىبە دورا قۇتىسى ۋە تېز تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدۇر. ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ RNAسىنى ئېلىش تەجرىبە دورا قۇتىسى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن.بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، نۆۋەتتە ياۋروپادىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت گېرمانىيەدۇر. ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيەدىكى يۇقۇم بىلەن قازا قىلىش نىسبىتى تەخمىنەن %0.5، دۇنيا مىقياسىدا تەخمىنەن %4.7 ئىكەن، گېرمانىيەدە بۇ نىسبەتنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلار خېلى بۇرۇنلا تەكشۈرۈشنى باشلىغان ھەمدە تەكشۈرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.

    بايلىق قىس بولۇش ۋە باشقۇرۇش كەمچىل بولۇش

    شاڭخەي شەھەرلىك داۋالاش، قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، فۇدەن داشۆسى قارمىقىدىكى خۇاشەن دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋېنخۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى ئاساسلىقى كېسەللىكلەرنى باشقۇرۇش ۋە داۋالاش بايلىقىنى باشقۇرۇشقا باغلىق. نەچچە ئون مىڭ ئادەم بىرلا ۋاقىتتا كېسەل بولغاندا، داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى كېسەل كارىۋىتىنىڭ توشۇپ كېتىپ، كېسىلى ئېغىر بىمارلارنىڭ دوختۇرخانىغا كىرەلمەي، كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشى ئەڭ چوڭ مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغان ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدە داۋالاش بايلىقى يېتەرسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى دۆلەتتىكى ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق مەسىلىلەر كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ياۋروپادىكى ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت بولۇپ، 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %23 كە يەتكەن، بۇ دۆلەتتىكى قازا قىلغان نۇرغۇن بىمارلارنىڭ ھەممىسى 80، 90 ياشلىق ياشانغانلار بولۇپ، ئۇلار ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئاسانلا جانغا زامىن بولىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولىدىكەن. ئىسپانىيەدىمۇ ئوخشاشلا ياشانغانلار كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە داۋالاش بايلىقى كەمچىل.

    سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئىتالىيە پايتەختى رىمدا، كىشىلەر ماسكا تاقاپ بازاردىن كۆكتات، مېۋە-چىۋە سېتىۋالماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ئېلىسا لىنگلىيا فوتوسى).گېرمانىيەدىكى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى داۋالاش بايلىقىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ھەمدە بالدۇر تەدبىر قوللىنىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ پايدىسىدىن بارلىققا كەلگەن.

    بوشاڭلىق قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش

    رىئان 3-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇنداق دېدى: ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدىكى يۇقۇم ئەھۋالىدا يېقىندا مۇقىملىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، بۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى قوللىنىلغان ئىجتىمائىي ئالاقىدىن يىراق تۇرۇش، «شەھەرنى قامال قىلىش» قاتارلىق قاتتىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئەمما يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان بىمارلارنى ئازايتىش ئۈچۈن، يەنىلا تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. رىئان مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي ئالاقىدىن يىراق تۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار بىلەن ئۇچراشقانلار كۆرۈنەرلىك ئازايدى، دېمەك ئىككى ھەپتە ئىلگىرىكى ئەھۋالغا سېلىشتۇرغاندا، ھازىر يۇقۇملىنىش خەۋپى بار ئادەم سانى زور دەرىجىدە ئازايدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھەللىدىكى بىمارلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئايرىۋېتىش ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ، دېمەك كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ۋىرۇس تېخىمۇ يامراپ كېتىشتىن بۇرۇنلا تەدبىر قوللىنىشقا تامامەن قۇربى يېتىدۇ. رىئان بۇنىڭدىن بۇرۇن پۈتۈن دۇنيادا ياكى مەلۇم بىر دۆلەت دائىرىسىدە قاچان يۇقۇمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلمەيدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم بىلدۈرگەنىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەقەت «شەھەرنى قامال قىلىش» قىلا تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە ئاممىۋى سەھىيە تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ۋىرۇسنى «باستۇرۇۋېتىش» كېرەك، چۈنكى ۋىرۇس ھەرگىزمۇ ئۆزلۈكىدىن چېكىنمەيدۇ.


    مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR


    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/IcPpKjfUtwZ9k3wSbH2i_Q


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى