• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    تارىختا بۈگۈن: كرىستىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدا تۇنجى قېتىم بىر مەيدان مۇسابىقىدە بەش توپ كىرگۈزگەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:05 05-04-2020
    تەھرىر : ئىلمىرە ئۆمەر
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    پۇتبول بىر كوللېكتىپ ھەرىكەت، شۇ سەۋەپلىك ئەڭ قالتىس مەرگەنلەرمۇ داۋاملىق ھۇجۇم سېپىنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى توپچى بولالىشى ناتايىن، دەل مۇشۇنداق بولغاچقا مۇسابىقىدىكى مەيدان نەتىجىسىدە دائىم بىر توپ ياكى ئىككى توپ بىلەن غەلىبە قىلىش كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئۈچ توپ نومۇر پەرقى كۆرۈلسە، چوڭ غەلبە دىيىشكە بولىدۇ. لېكىن، بۇ پۇتبول دۇنياسىدا مەخسۇس بىر قىسىم پۇتبولچىلار بار، ئۇلار ئوخشاش بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ توپ كىرگۈزەلەيدۇ، تۆت توپ كىرگۈزەلەيدۇ، ھەتتا بەش توپمۇ كىرگۈزەلەيدۇ.

    بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن، بېيجىڭ ۋاقتى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، كەچ سائەت 18:00دە، 2014/2015-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 29-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە بېرنابو توپ مەيدانىدا باشلاندى، خانلىق مادرىد كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا گرانادا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بېل ئالدى بىلەن بىر توپ كىرگۈزدى، كرىستىيانو رونالدو سەككىز مىنۇت ئىچىدە تۆت توپ كىرگۈزۈشنى تاماملىدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بېنزېما ئىككى توپ كىرگۈزدى، رونالدو يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئاخىرىدا خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا 1:9 نەتىجىدە گرانادا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

    بۇ كرىسىتيانو رونالدونىڭ كەسپىي ھاياتىدا تۇنجى قېتىم يەككە مەيدان مۇسابىقىدە بەش توپ كىرگۈزۈشى بولۇپ، بۇنىڭدىن يېرىم يىل كېيىن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد 0:6 نەتىجىدە ئىسپانىيەلىكلەر كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە رونالدو بەش توپ كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە بىر قېتىم ياردەم پاس بەردى، مېسسى، لېۋاندوۋىسكىغا ئوخشاش دۇنياۋى ھۇجۇمچىلار قاتارىدا رونالدو ئىككى قېتىم يەككە مەيدان مۇسابىقىدە بەش توپ كىرگۈزۈشتەك ئۈستۈنلۈككە ئىگە.





    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى