• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئۈرۈمچىدە ئىجارە ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغانلارنىڭ بېسىمى يىنىكلىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:59 05-04-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سودا-سارايلار ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىپ ياكى كەچۈرۈم قىلىپ يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ بېسىمىنى يىنىكلەتتى

    «كارخانا بىزنىڭ بىر ئايلىق ئىجارە ھەققى، خوجىلىق ھەققى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتتى، بۇ ھەقىقەتەن باشقا كۈن چۈشكەندە قىلىنغان ياردەم بولۇپ، بېسىمىمىزنى يىنىكلەتتى» 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدىكى دىۋاڭ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدىكى چېڭ جىچياڭ ھاياجان بىلەن شۇنداق دېدى.

    دىۋاڭ خەلقئارا بالىلار سودا شەھەرچىسىدىكى بالىلار مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى


    چېڭ جىچياڭ بۇ سودا شەھەرچىسىدىكى بىر يەككە تىجارەتچى بولۇپ، 2000 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ھامىلىدار ئاياللار ۋە بوۋاقلار مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىشتىكى يۆلەش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تىجارەت بېسىمىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن، بۇ سودا شەھەرچىسى 1500 دىن ئارتۇق سودىگەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئىجارە ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتتى.

    دىۋاڭ خەلقئارا بالىلار سودا شەھەرچىسىدىكى بالىلار مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى

    «يۇقۇم يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، بىر كۈنلۈك تىجارەت سوممىسى 8000 يۈەن ئەتراپىدا بولاتتى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، ئىش-ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىر كۈنلۈك سودا سوممىسىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك كېمىيىپ كەتتى، بۇ بىر قانچە كۈن خېلى ياخشى بولۇپ قالدى» دېدى چېڭ جىچياڭ، «ئىجارە ھەققى قاتارلىقلارنى كەچۈرۈم قىلغاندىن كېيىن 150 مىڭ يۈەن تېجەپ قالدۇق، بۇ پۇللار بىلەن سېتىش يولۇمنى كېڭەيتىپ، توردا تىجارەت قىلىش كوللېكتىپى تەشكىللەپ، دوۋيىن، كىچىك ئەپلەر قاتارلىقلاردا تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، تىجارەتتىكى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن».

    يەنە بىر يەككە تىجارەتچى لى شياۋيىڭ مۇنداق دېدى: «بىر ئايلىق ئىجارە كەچۈرۈم قىلىنغاندىن كېيىن، مەن 20 مىڭ يۈەنگە يېقىن ئاز تۆلەيمەن، بېسىمىم خېلىلا يىنىكلىدى».

    دىۋاڭ خەلقئارا بالىلار سودا شەھەرچىسىدىكى دۇكان

    دىۋاڭ خەلقئارا سودا شەھەرچىسىدىن باشقا يەنە، شىنجاڭ غەربىي يۇرت يىنىك سانائەت بازىسى (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىمۇ ئۈرۈمچى شەھىرى تيانشان رايونىنىڭ كارخانا تەرەققىياتىنى قوللاشتىكى ھەر تۈرلۈك تەدبىرلىرىگە ئاۋاز قوشۇپ، ئالدىنقى باسقۇچتا تەكشۈرگەن سودىگەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، تەۋەلىكىدىكى 800 ئارتۇق تىجارەتچىنىڭ ئىجارە مۇددىتىنى ھەقسىز ئۇزارتىپ بەرگەن.



    دىۋاڭ خەلقئارا بالىلار سودا شەھەرچىسىدىكى دۇكان


    ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ خۇالىن (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى، CCMALL دەۋر مەيدانى، دېخۇي ۋەندا مەيدانى، مىڭجۇ گۈل-گىياھ بازىرى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سودا-ساراي، بازارلارمۇ تەۋەلىكىدىكى يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئىجارە ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتكەن، ياكى ئىجارە مۇددىتىنى ئۇزارتىپ بەرگەن.

    ئىگىلىنىشىچە، ئىشنى-ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئىشنى-ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تىجارەت جەريانىدا دۇچار بولغان ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن، يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى كۆپ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، كارخانا ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى دەل يۆلىگەن. «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىشتىكى يۆلەش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى»گە ئاساسەن، ھەقنى كەچۈرۈم قىلىش، كېمەيتىش سىياسەتلىرى جەھەتتە، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىنغان.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى