• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ماشىنا ئادەملەر ئىنسانلارنى يوقىتىپ يەر شارىنى ئىگەللىۋالامدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:15 03-04-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ماشىنا ئادەملەر ئۆزىنى ئىجاد قىلغان ئىنسانلارنى يوقىتىپ يەر شارىنى ئىگەللىۋالامدۇ؟


    AI سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھازىرقى قىزىق تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قىزىقارلىق قىلىشقا ياردەم بېرەلەيدۇ. يانفونلىرىمىزدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاۋۇش سېستىمىسىدىن تارتىپ ئاپتوموبىللىرىمىزغا سەپلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېستىما قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەملەر ئاللىبۇرۇن تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە كىرىپ بولدى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلارمۇ بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى ۋە ئىلغارلاشتى. ھازىرقى جەمئىيەتتە ھەتتا ھەممە جايدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەملەرنىڭ سايىسى بار، دېيىشكە بولىدۇ. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرگە ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى سوغۇق ۋە جانسىز تۇرىدىغان ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر ھازىر گەپ قىلىپلا قالماي، ھەتتا تېخىمۇ ئىلغارلاشقان ھالدا چىراي ئىپادىسىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان، سورۇنغا بېقىپ گەپ قىلالايدىغان بولدى.

    سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ھەممەيلەنگە قالدۇرغان ئەڭ زور تەسىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئالفاگو ناملىق كومپىيۇتېر دۇنيا قورشاۋ شاھمات چېمپىيونى بىلەن تۇتۇشقاندىن كېيىن ناھايىتى ئاسانلا ئۇنى يېڭىۋالدى. بۇ خەۋەرنىڭ تەسىرىدە كىشىلەر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارغا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى ۋە كەلگۈسىدىكى جەمئىيەتتە سۈنئى ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ قوللىنىشى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، دەپ قارىدى. شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئالفاگو كومپىيۇتېرىدا بىردەملىك كاشىلا كۆرۈلگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ، يەنىلا ناھايىتى ئاسانلا ئىنسانلارنىڭ قورشاۋ شاھمات چېمپىيونىنى مەغلۇپ قىلغان ئىدى.

    ئالىملارنىڭ ئارزۇسى بىر-بىرىدىن قالتىس ماشىنا ئادەملەرنى ياساپ چىقىش ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل پەن-تەتقىقات مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ھەتتا چوڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىپ سۈنئى ئەقلىي ئىقتىدارنى تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىشتۇر. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ زاۋۇتلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا سەرپ قىلىدىغان جىسمانى ئەمگەك كۈچىنى ئازايتالايدۇ، بىراق، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ زىيادە ئەقىللىق بولۇپ كېتىشىمۇ كىشىلەرنى ساراسىمىگە سالىدۇ. ئالىملارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، 2045-يىلىغا بارغاندا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەملەر تەرەققىي قىلىپ ئۆزى پىكىر قىلالايدىغان ۋە ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرەلەيدىغان سەۋىيىگە يېتىدىكەن. ئاخىرىدا، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىكەن.

    ئالىملارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، كەلگۈسىدىكى دۇنيادا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئىنسانلارنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە ماشىنا ئادەملەر بىرىكىپ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئىنسانلار» دەپ ئاتىلىدىكەن. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئالدىن مۆلچەرلىگىلىك بولمايدىغان، نورمال قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان دەۋرگە قەدەم قويىدىكەن. ئىنسانلار بارلىق ئەقىل-پاراسىتىنى سەرپ قىلىپ ئەڭ ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەملەرنى ياساپ چىققاندىن كېيىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەملەر ئىنسانلارنىڭ مېڭىسىنىڭ ئورنىدا ئىنسانلارنىڭ ئەقىل چېكىدىن ھالقىپ كەتكەن تېخىمۇ ئىلغار ماشىنا ئادەملەرنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىدىكەن. بۇ چاغدا ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئارقىسىدا قالىدىكەن. ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش-قىلماسلىقىغا بىر نەرسە دېگىلى بولمىسىمۇ، بىراق ماشىنا ئادەملەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئورنىنى ئېلىشى راستىنلا راستىنلا يۈز بېرىشى مۇمكىن. ماشىنا ئادەملەر پەقەت تەرەققىي قىلىپ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ۋە ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىسىلا، ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئورنىنى ئېلىش خەۋپى ھامان مەۋجۇت بولىدىكەن.

    يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ھازىر 2045-يىلىغا پەقەت 27 يىللا قالغان بولغاچقا، بۇ پەرەزلەر ئۇ چاغقىچە ئەمەلگە ئاشمايدىكەن. ئىنسانلار ئاخىرىدا يەر شارىدىن ئايرىلىپ سەييارىلەر ئارا ساياھەت قىلىپ يۈرەلىگۈدەك سەۋىيىگە يېتىشى 2800-يىللارنىڭ ئەتراپىدا ئەمەلگە ئاشىدىكەن. ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات سەپىرىنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ: قەدىمكى زاماندىكى ئادەمسىمان مايمۇن، يېقىنقى دەۋردىكى ئادەمسىمان مايمۇن، قەدىمكى ئادەملەر، بۈگۈنكى ئادەملەر، يېرىم ماشىنا ئادەملەر، ماشىنا ئادەملەر، نۇسخىلىغىلى بولىدىغان ئادەملەر، تاشقى پىلانېت سېستىمىسىغا قويۇپ بەرگىلى بولىدىغان ئېلېكتىر دولقۇنى ئادەملەر. دېمەك، ئاخىرىدا ئىنسانلار كائىناتنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى