• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئىنسانلار ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان ئىش ھازىر يۈز بىرۋاتىدۇ ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:43 22-03-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    2019 - يىلىدىكى نورمالسىز كىلىمات سەۋەبىدىن ، يەر شارىنىڭ قۇتۇپ رايونىدا كەڭ كۆلەملىك مۇزلۇقلار ئېرىشكە باشلىدى . ئىلمىي ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، گىرېنلاندىيە ئارىلىدا 2019 - يىلى ياز پەسلىدە ئېرىپ كەتكەن مۇز 600 مىليارد توننىغا يەتكەن . بۇ مۇز ئېرىگەندىن كىيىن يەر شارىدىكى دېڭىز يۈزىنىڭ 2.2 مىللىمېتىرغا ئۆرلىشىگە سەۋەپ بولغان .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئانتاركتىكا قىتئەسىدىكى ئامۇنسېن دېڭىز ئۇۋىسى ۋە ئانتاركتىكا يېرىم ئارىلىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىش ئەھۋالى بايقالغان ،بۇ جەنۇبىي ۋە شىمالىي مۇزلۇقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېرىش بىلەن كىلىمات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بەردى .


    مۇزلۇقلار زادى قانچىلىك ئېرىپ كەتتى ؟

    « گېئوفىزىكا تەتقىقاتى تېز گېزىتى » نىڭ خەۋرگە قارغاندا ، 2002 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە بولغان كۆزىتىلگەن سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، گرېنلاندىيە ئارىلىدا جەمئىي 4 تىرىليون 550 مىليارد توننا مۇز ئېرىپ كەتكەن ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 268 مىليارد توننا ئېرىگەن ، ھالبۇكى بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئوتتۇرىچە سانلىق مەلۇماتى 2019 - يىلى يازدا ئېرىگەننىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ ، بۇنىڭدىن 2019-يىلى ئېرىگەن مۇزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋر قىلغىلى بۇلىدۇ

    ئالىم ۋېللىكونىيەنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئانتاركتىكا قىتئەسىدىمۇ مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن ، ئەڭ ئېغىر بولغىنى جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ غەربىي قىسمىدىكى مۇزلۇقنىڭ ئېرىشى داۋاملىق ئېشىۋېتىپتۇ ، بۇنى دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلەش مەسىلىسىگە نىسبەتەن بىر شۇم خەۋەر دېيىشكە بولىدىكەن .

    ئەمەلىيەتتە مۇزلۇقلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېرىشىگە قارىتا ، بىز 2019 - يىلىدىكى يەر شارى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىپ باقايلى ، 2019 - يىلى يەر شارى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئىككىنچى ئەڭ ئىسسىق يىلى بولغان ،ئوتتۇرچە تىمپۇراتۇرا سانائەتلىشىشتىن ئىلگىرىكى سەۋىيەدىن 1.1 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولغان ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى يەر شارى پارنىك گازى قويۇپ بېرىش نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى ، 2019 - يىلى پارنىك گازىنىڭ قويۇقلۇقى تەخمىنەن % 0.6 ئاشقان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ناچار كىلىمات ھادىسىسىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى قىتئەلەردە ئىنتايىن زور ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ، پارنىك ئېففېكتى يەنە بىر قېتىم كۈچەيگەن ، مەسىلەن ، ئامازون ئوت ئاپىتى ، ئاۋسترالىيە ئوت ئاپىتى قاتارلىقلار .

    يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى يەنە قانداق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ؟

    يۇقىرىدا ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندەك ئوت ئاپىتى ، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ، قۇرغاقچىلىق ، كۈچلۈك بوران - چاپقۇن قاتارلىقلار ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلەش مەسىلىسى ، ئەمەلىيەتتە ، مەيلى 2019 - يىلى بولسۇن ياكى 2020 - يىلى بولسۇن ، بىز دۇنيادىكى نۇرغۇن رايونلاردا دېڭىز يۈزى كىرىزىسىنى ئېلان قىلغانلىقىنى كۆردۇق .

    مەسىلەن ، 2020 - يىلى ھىندونېزىيە دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئارالنى سۇ بىسىپ كىتىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى ، بۇ دېڭىز يۈزىنىڭ تەسىرىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ .

    يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى « زەنجىرسىمان ئېففېكت » نى تېزلىتىدۇ ، ئەڭ تىپىك بولغىنى مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراق مەسىلىسى . يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى ئاستىدا ، مېتان گازى خەۋىرىمۇ 2020 - يىلىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى ، نۇرغۇن كىشىلەرمۇ مېتان قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ، كەڭ كۆلەملىك مېتان گازى ئاتموسفېرادا كىلىمات ئۆزگىرىشىنى يەنە بىر قېتىم كۈچەيتىدۇ ، چۈنكى مېتان ئاتموسفېرادىكى 2 - چوڭ پارنىك گازى بولغاچقا ، مۇقەررەر ھالدا تىمپىراتۇرا ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ دەپ قاردى .

    كىلىماتنىڭ ئىللىپ كىتىش تەسىرىدە ئىنسانلار ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلە يۈز بېرىۋاتىدۇ .

    كىلىماتنىڭ ئېرىپ كىتىش تەسىرىنىڭ ئەڭ چوڭ بولغىنى مېتان ئەمەس ، بەلكى مەڭگۈلۈك توڭ تۇپراق ئېرىگەندە چىققان بەزى ماددىلار كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، قۇتۇپ رايونىدىكى كىلىمات ئۆزگىرىشىمۇ تۈر توپىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنىڭ ئۈچىرىغان تەسىرى كۆرۈنەرلىك بولدى دېيىشكە بولىدۇ ، نۇرغۇن شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى دېڭىزدىكى لەيلىمە مۇز يوق ۋاقىتتا ئوزۇقلۇق تۇتۇش قورالىدىن ئايرىلىپ قىلىپ ئاچ قىلىپ ئاخىرىدا « ئورۇقلاپ قۇرۇق ئۇستىخان بولۇپ قالغان » شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى .

    شۇڭا مەيلى قايسى نۇقتىدىن ئېيتايلى ، مەيلى كىلىمات ياكى ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بولسۇن ، ھەممىسى يەر شارىدىكى بارلىق جانلىقلار تۈرلىرىنىڭ « مۇقىملىقى » گە تەسىر كۆرسىتىدۇ .


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى