• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىكى مەنزىرىلەر: قارشى ئالىمىز، قارشى ئالىمىز، بىز تىجارەت باشلىدۇق

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 21:19 10-03-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>



      تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر سۈن فاڭتىڭ خەۋىرى، فوتوسى) بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت، بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىكى دۇكانلار ئارقا-ئارقىدىن تىجارەت باشلىدى. سىرتقا چىقىپ ئىستېمال قىلىش تۇرمۇشىمىزغا قايتىدىن سىڭىپ كىرگىنىدە، ئىلگىرىكى ئەڭ ئاددى ئىشلارمۇ ئادەمگە يېڭى تۇيغۇ بەردى.



      «بەك خۇشال بولدۇم! ئىلگىرى زىخقا گۆش ئۆتكۈزۈپ بەك ھېرىپ كېتەتتىم، ھازىر ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن.» دېدى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، ئەتىگەن سائەت 8 دىن باشلاپ شياۋما ئۈچ خىل سوغۇق ئاش دۇكىنىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ئەخمەت مەمەت. بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئۇنىڭغا ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قەدىرلەشنى ھېس قىلدۇرغانىدى.



    3- ئاينىڭ 5- كۈنى، شۈيموگوۋ رايونى ئارىشاڭ غەربىي يولىغا جايلاشقان قۇۋۋەت ناۋايخانىسىدا، ئەلقەم تۇرسۇن سائەت 11دىن باشلاپ، ئىزچىل تونۇرنىڭ ئالدىدا نان يېقىۋاتاتتى، ئۇزاق ئۆتمەيلا ناننىڭ مەززىلىك پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلدى.

      «ئادەتتىكىدىن ئىككىنى ئارتۇق سېتىۋالدىم، بەرىبىر بۇزۇلۇپ قالمايدۇ، قېتىپ قالسا تېخىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ.» بىر خېرىدار بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ، بىر تەرەپتىن بىر قېتىمدىلا بەش نان سېتىۋالدى. ئەلقەم مۇنداق دېدى: «تىجارەت باشلىدۇق، مەن ناھايىتى خۇشال.»


      3-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شۈيموگوۋ رايونى ئارىشاڭ غەربىي يولى شىمالىي 5-كوچىسىدا، 21 يىل بەش خىل مېتال دۇكىنى ئاچقان دۇكان خوجايىنى يۈ جىگاڭنىڭ كەيپىياتىمۇ خۇددى ھاۋاغا ئوخشاشلا ئېچىلىپ كەتكەن ئىدى. «كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان كونا خېرىدارلار كەلدى، دۇكىنىم يەنە تىجارەت باشلاپ، كۆڭلۈم خاتىرجەم بولدى.» دېدى ئۇ.


      «ئەتىگەندىن باشلاپ سائەت 17 گىچە دۇكاننى تازىلاپ، دېزىنفېكسىيە قىلىپ تۇرۇشۇمغا ئىككى خېرىدار كەلدى.» 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، چاڭچىڭ 2-ئەترىتىدىكى بىر ھۆسن تۈزەش، تىرناق گۈزەللەشتۈرۈش دۇكىنىدا ياش دۇكان خوجايىنى ما شياۋخۇا خېرىدارنىڭ تىرنىقىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ياساپ قويۇۋاتاتتى، ئۇ مۇخبىرنىڭ ئاپپاراتىغا قاراپ خۇشال ھالدا: «تۇرمۇشتا ئالدىغا قاراش كېرەك، ۋىرۇسنى مەغلۇب قىلىش بىرىنچى قەدەم، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىككىنچى قەدەم.» دېدى.



      بىر سائەتتىن ئارتۇق ئۆچىرەت ساقلىغاندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىسى سۈن ئەپەندىگە ئاخىرى چاچ ياسىتىش نۆۋىتى كەلدى. «سائەت 10:30دا ئىشىك ئېچىپ، سائەت 18:00گىچە ئىزچىل چاچ ياسىدىم، چاچ ياساتقىلى كەلگەنلەرنىڭ %95ى ئەرلەر.» دېدى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى نەنخۇ شەرقىي يولى جەنۇبىي 2-كوچىسىدىكى ساتىراشخانا خوجايىنى كۇڭ خۇي، باشقىلارنىڭ دۇكاندا توپلىشىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، نومۇر تارقىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، نۆۋەت كىمگە كېلەي دېگەندە تېلېفون قىلىپ ئۇقتۇرۇش قىلدۇق. «سودا ياخشى بولسا، چوقۇم خۇشال بولىمەن.» دېدى ئۇ.




      3-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىخۇڭ شەرقىي يولىغا جايلاشقان قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىنىڭ خوجايىنى لى خۇا ئىشىك ئالدىدا چوڭ كوچىغا قاراپ تۇراتتى، «يېقىندىن بۇيان كۆپچىلىك سىرتقا چىقمىدى، كىيىملىرىنى يۇيدۇرىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس.» مىجەزى ئوچۇق بۇ دۇكان خوجايىنى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تىجارەت قىلالىغانلىقىمدىن بەك خۇشال، سىرتقا چىقىپ، يولدىكى ئاپتوموبىللارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى.»


      ۋاڭ لەيشېڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي بولۇپ، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئولتۇراق رايونى ئىشىكى ئالدىدا بىر كىچىك دۇكان ئېچىۋالغانىدى. 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، تىجارەت باشلىغان تۇنجى كۈنىدە، ۋاڭ لەيشېڭ ئەستايىدىللىق بىلەن مال جازىسى، يەرنى پاكىز سۈرتتى. «ئىسپىرت ۋە تېمپېراتۇرا ئۆلچىگۈچ تەييارلاپ قويدۇق، تىجارەتنى باشلىغان بولساقمۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.» دېدى ۋاڭ لەيشېڭ.



      «لى گۇيمىننىڭ موما دۇكىنى تىجارەت باشلىدى!» 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، خۇڭسەن شەرقىي يولى شىمالىي 12-كوچىسىدا، ئاساسلىق موما ۋە قوشۇمچە يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارىتى قىلىدىغان بۇ دۇكان ئېچىلىشى بىلەنلا، قولۇم-قوشنىلار بەس-بەستە كېلىپ سېتىۋالدى. كونا خېرىدارلارنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، دۇكان خوجايىنى لى گۇيمىن ناھايىتى خۇشال بولدى، «بەزىلەر ماسكا تاقىۋالغاچقا تونۇيالماي قالدىم، لېكىن سالام قىلسىلا كىملىكىنى بىلەلەيمەن.» دېدى ئۇ.



    3-ئاينىڭ 7-كۈنى، قار ئۇچقۇنلىرى لەپىلدەشكە باشلىدى، ياڭزىجياڭ يولىغا جايلاشقان سىلۇ دوڭفاڭ راك قىيمىلىق جىياۋزى دۇكىنى ئالدىدا، شەھەر ئاھالىلىرى يېغىۋاتقان قارغا قارىماي يېمەكلىك سېتىۋالماقتا ئىدى.

    ھازىرچە ئاشخانىدا تاماق يېيىشكە بولمايدۇ، دۇكاندار ما لى چاققانلىق بىلەن خېرىدارلارغا ئوراپ-قاچىلاپ بېرىۋاتاتتى، «سېتىۋېلىشقا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بىز قوشۇمچە يېمەكلىك پۇكىيىنى كىرىش ئېغىزىغا يۆتكەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۆپچىلىكنىڭ سېتىۋېلىشىغا قولايلىق ياراتتۇق.» دېدى ما لى.


      «يەنىلا خىزمەت قىلغان ياخشىكەن، ئالدىراش يۈرۈپ كۆنۈپ قاپتىمەن، بىكار تۇرالمايمەن، ئىشقا كەلسەم كۆڭلۈم ئارام تاپىدۇ.» گۇيجوۋ يولىغا جايلاشقان بىر ئىچ كىيىم دۇكىنىنىڭ مال ساتقۇچىسى جاۋ شىيىڭ مۇنداق دېدى: كوچىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاستا-ئاستا كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تونۇش كۈنلەرنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم.




    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى