• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    شىنجاڭ: چەت تاغلىق رايوندىكى ئاممىغا ياۋايى ھايۋانلارغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت توغرىسىدىكى بىلىملەر ئومۇملاشتۇرۇلدى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 21:18 10-03-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    خەلق تورى خەۋىرى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش ئۈچۈن، ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قەتئىي زەربە بېرىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك. يېقىندا، شىنجاڭ جېمىنەي ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خەلق ساقچىلىرىنى تەۋەلىكىدىكى چەت تاغلىق رايون، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا ياۋايى ھايۋانلارغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تەشكىللىدى.

      چارۋىچىلىق رايونلىرىدا، خەلق ساقچىلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ياۋايى ھايۋانلار يۇقۇم مەنبەلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كەڭ ئاممىغا بارلىق شەكىلدىكى ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار سودىسىنى چەكلەشنى، ئېغىر كېسەللىك خەۋپىنى ھەققىي تۈردە مەنبەدىن كونترول قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، خەلق ساقچىلىرى يەنە ئاممىغا نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا، ھەر بىر ئائىلىنىڭ شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشنى ئەسكەرتتى. (جاڭ ۋېنچېڭ)





    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى