• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسى تېزدىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 21:16 10-03-2020
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    دۆلىتىمىز داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئېلان قىلدى

    كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسى تېزدىن قۇرۇپ چىقىلىدۇ

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر چۈ تىڭ) «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى» 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئېلان قىلىندى. پىكىردە جۇڭگوچە جەمئىيەت تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش چۆرىدىلىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى كۈچەيتىش چىقىش قىلىنىپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر - يېزا بىرتۇتاش پىلانلانغان، ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، كاپالەت مۇۋاپىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسىنى تېزدىن قۇرۇپ چىقىش كۆزدە تۇتۇلدى.

    پىكىرنىڭ تولۇق تېكىستى جەمئىي سەككىز قىسىم، 28 ماددا بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، «2+4+1» ئومۇمىي ئىسلاھات رامكىسى تەتقىق قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    بۇنىڭ ئىچىدە، «1» 2030 - يىلىغا بارغاندا، تىرىشىپ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، داۋالىنىش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن، تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى، خەير - ساخاۋەت ئىئانىسى، داۋالىنىشتا ئۆزئارا ياردەم بېرىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمى سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ. «4» تەمىنات كاپالىتى، مەبلەغ توپلاش - يۈرۈشتۈرۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش، فوندنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. «2» تېببىي دورا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ۋە داۋالىنىش كاپالىتى مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئىككى تىرەكنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

    نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى تورىنى قۇردى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 1 مىليارد 350 مىليون كىشىدىن ئېشىپ، قاپلاش دائىرىسى مۇقىم ھالدا %95تىن يۇقىرى بولدى. خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق بەخت - سائادىتىگە بولغان گۈزەل ئېھتىياجىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، داۋالىنىش كاپالىتى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى تەدرىجىي گەۋدىلەندى. بۇ مەسىلىلەر خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، جەزمەن يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىش كېرەك.

    پىكىردە يەنە ئېغىر، زور يۇقۇمنى داۋالاش - قۇتقۇزۇش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا مەخسۇس تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىنىپ، تاسادىپىي يۈز بەرگەن يۇقۇم قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللاردا، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاۋۋال قۇتقۇزۇش - داۋالاش، كېيىن ھەق ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئېغىر، زور يۇقۇمنى داۋالاش - قۇتقۇزۇشتا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش سىياسىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، باشقا جايدا داۋالانسا بىۋاسىتە راسچوت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاغرىقلارنىڭ خىراجەت مەسىلىسى تۈپەيلىدىن داۋالىنىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پىكىردە داۋالىنىش كاپالىتى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى، كەلگۈسىدە داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پىكىردىكى تەلەپلەرنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور كېسەللەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، دورا، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان خورايدىغان ماتېرىياللارنى مەركەزلەشتۈرۈپ يېتەرلىك مىقداردا سېتىۋېلىشنىڭ تېببىي دورا مۇلازىمىتى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى ساھەسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە - مېخانىزم مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى يېنىكلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى