• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    شياۋمى ئەقلىي بىلەيزۈكىنىڭ ھىندىستاندىكى بازار ئۈلۈشى %48.9كە يەتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:39 02-03-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    IDC يېقىندا 2019-يىلى 4-پەسىلدىكى دۇنيا ئەقلىي تاقىما ئۈسكۈنىلىرى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، بۇ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار ئىچىدە ھىندىستان ئادەمنىڭ دىققىتىنى ھەممىدىن بەك تارتىدۇ. ھىندىستان يەرلىك بازىرىدا تاقىما ئۈسكۈنە مال چىقىرىش تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى يارىتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %168.3 ئېشىپ، جەمئىي 14 مىليون 900 مىڭ دانە سېتىلدى.


    ئاساسىي تاقىما ئۈسكۈنىلەر (يەنى مەشغۇلات قىلغىلى بولمايدىغان ئۈسكۈنە) %96.2لىك بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلەپ، 2019-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %177 ئاشقان.


    بېغىشقا تاقىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ كۆزەتكەندە، شياۋمىنىڭ بۇ تۈردە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ. شياۋمىنىڭ 2019-يىلىدىكى بازار ئۈلۈشى %48.9 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54.7 ئاشقان. Titan ماركىسى %14.5لىك بازار ئۈلۈشى بىلەن 2-ئورۇننى ساقلىغان. شياۋمىنىڭ بۇ نەتىجىسى كۆپىنچە ھىندىستان بازىرىدىكى Mi Bandنىڭ ئادەمنىڭ ئەقلىي يەتمىگۈدەك دەرىجىدە ياخشى سېتىلغانلىقىدىن كەلگەن.


    ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى جەھەتتە، خۇامى پەن-تېخنىكىسى ۋە Amazfit ماركىسى ئاساسىي نۇسخىدىكى قول سائىتى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. «ھەقىقىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى»نىڭ سېتىلىشىغا كەلسەك، Fossil يەنىلا ھىندىستاندا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قول سائىتى ماركىسى بولۇپ، %30.3 بازارنى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا ئالما بولۇپ، %26.6نى ئىگىلەيدۇ.

    تىڭشىغۇچ بولسا ھىندىستاندىكى ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى. تىڭشىغۇچنىڭ سېتىلىش مىقدارى 2019-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %443.6 ئاشقان بولۇپ، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. يەرلىك تەمىنلىگۈچى كارخانا BoAt Lifestyleنىڭ 2019-يىلى تىڭشىغۇچ بازىرىدا ئىگىلىگەن ئۈلۈشى %27.3كە يېتىپ، باشلامچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. ھەقىقىي سىمسىز تىڭشىغۇچ بازىرىغا كەلسەك، ئالما شىركىتى يەر شارى بازىرى ۋە ھىندىستاننىڭ ئىچكى قىسمىدا باشلامچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ بازار ئۈلۈشى %43.1كە يېتىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى