• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    بۇ يىل ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە پەقەت 83 جۇغلانما نومۇر بىلەن چېمپىيون بارلىققا كېلىشى مۇمكىن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 14:38 02-03-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە كوماندىلارنىڭ جۇغلانما نومۇر ئەھۋالى 2007-يىلىدىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈش ئېھتىمالى بار بولۇپ، ھازىر بىرلەشمە رەت تەرتىپتە بارسېلونا 55 جۇغلانما نومۇر بىلەن 1-ئورۇندا، خانلىق مادرىد بولسا 53 جۇغلانما نومۇر بىلەن 2-ئورۇندا تۇرماقتا. باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان بۇ قېتىملىق ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىيىسى» ھەر ئىككى كوماندىغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ، بەلكىم بۇ مەيدان مۇسابقە مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چېمپىيونلىقىنى بەلگىلىشى مۇمكىن.


    بىرلەشمە مۇسابىقە يەنە 14 ئايلانما قالغان ئەھۋالدا، ئەگەر بارسېلونا ياكى خانلىق مادرىدنى ھازىرقى غەلىبە قىلىش ئۈنۈمى بىلەن ئاخىرىدا چېمپىيون بولالايدۇ دەپ قارىساق، بۇ پەسىللىك چېمپىيون ئاخىرىدا 83 جۇغلانما نومۇر بىلەن چېمپىيون بارلىققا كېلىشى مۇمكىن، بۇ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 2007-يىلىدىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن نەتىجە ھېسابلىنىدۇ.


    2006/2007 مۇسابىقە پەسىلىدە، خانلىق مادرىد ئاخىرىدا 76 جۇغلانما نومۇر بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. 2011/2012 مۇسابىقە پەسىلى ۋە 2012/2013 مۇسابىقە پەسىلىدە خانلىق مادرىد ۋە بارسېلونا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 100 جۇغلانما نومۇر بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى