• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 60 مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئەمگەك كۈچى شەھەرگە قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 14:33 02-03-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايون بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى. 2 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 60 مىڭدىن ئارتۇق كىشى شەھەرگە قايتىپ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ئىچىدىكىلەر 58 مىڭ 500 كىشى.


    يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، چىقىرىش تەشكىللىك بولۇش، سالامەتلىكنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەيدىغانلار بولۇش، يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈش - ئۆتكۈزۈۋېلىش بولۇش، توشۇشتا مۇداپىئە بولۇش، پۈتۈن مۇساپىدە سۈرۈشتۈرۈش بولۇش تەلىپى بويىچە، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ئاپتوموبىل ھۆددىگە ئېلىش، «بىر بېكەت شەكلى»دە بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى بىخەتەر، تەرتىپلىك ھالدا ئىش ئورنىغا قايتىپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللىگەن.


    ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى پائال قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. كارخانىلار يېڭىدىن قوبۇل قىلغان شىنجاڭلىق ئەمگەك كۈچلىرىگە قارىتا ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىر ئادەمگە 2400 يۈەن ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلىنىش تولۇقلىمىسى بېرىدۇ؛ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرى قوبۇل قىلغان شىنجاڭلىق خادىملارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتا، ھەربىر ئادەمگە 5000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە، بىر يىلدا پەسىلگە بۆلۈپ يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى بېرىدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كىيىم - كېچەك، ئائىلە توقۇمىچىلىقى، ئىلمە توقۇمىچىلىق قاتارلىق تېرمىنال كەسىپلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا قارىتا، ھەر 50 ئىشچى - خىزمەتچىنى بىر نورما قىلىش نىسبىتى بويىچە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، تولۇقلىما ئۆلچىمى ھەربىر كىشىگە ھەر يىلى 50 مىڭ يۈەن، تولۇقلىما بېرىش مۇددىتى ئۈچ يىل.


    يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ خادىم قىسقارتىش نىسبىتى %5.5 تىن يۇقىرى بولمىغان، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 30 (30نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلارنىڭ خادىم قىسقارتىش نىسبىتى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %20 ىدىن ئاشمىسا، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تولۇقلىمىسى تارقىتىپ بەردى، تولۇقلىما ئۆلچىمى ئالدىنقى يىلى ئەمەلىي تاپشۇرغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ %50ى بويىچە قايتۇرۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا %60 بويىچە قايتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 1734 كارخانىغا 57 مىليون 503 مىڭ 800 يۈەن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش قايتۇرما مەبلىغى تارقىتىلغان.


    نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ تېزدىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز بىر تەرەپتىن توردا قوبۇل قىلىش ئارقىلىق نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرىنى ئالدىن ئېلان قىلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن 24 سائەتلىك نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش - كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتى مەخسۇس خادىمى تەسىس قىلىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئىشچى ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، 2 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، جەمئىي 86 نۇقتىلىق كارخانىنىڭ 4338 ئىشچى ئىشلىتىش جىددىي ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.


    يېقىنقى مەزگىلدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى يەنە كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، كەينىگە سۈرۈپ تاپشۇرۇش سىياسەتلىرىنى زىچ چىقىرىپ، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى زورايتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بەردى.


    مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2020/03/01/036124514.shtml


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى