• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    شىنجاڭ خوتەندىكى 500دىن ئارتۇق دېھقان ئىشلەمچى ھەقسىز ھۆددە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ماڭدى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 20:05 01-03-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    2-ئاينىڭ 27-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئىشلەمچىلەر ھۆددە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش تەييارلىقىنى قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان(شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى)


    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 2-ئاينىڭ 27-كۈنى خەۋىرى(مۇخبىر ليۇ بىڭ) : 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن تۇنجى تۈركۈمدە 174 دېھقان ئىشلەمچى ھەقسىز ھۆددە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ خۇنەن چاڭشاغا بېرىپ ئىشلەشكە ماڭغاندىن كېيىن، 2-ئاينىڭ 27-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرى، قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن 353 دېھقان ئىشلەمچى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىگەندىن كېيىن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ CZ6913 ،UQ3611 نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، گۇاڭشى نەننىڭ ۋە فۇجيەن جىنجياڭغا قاراپ يولغا چىقتى.


    مۇخبىرنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، خادىملارنى ئەۋەتىش ۋە كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ بىخەتەر ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، خوتەن ۋىلايىتى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە پائال تەشكىللەپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان.


    2-ئاينىڭ 27-كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئىشلەمچىلەر ئۆچرەتتە تۇرۇپ، ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان(شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى)


    خوتەن ۋىلايىتى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى خالايدىغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ، ساغلاملىق ئىسپاتى چىقىرىپ بەردى ھەمدە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىنى ھۆددىگە ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق گۇاڭشى، فۇجيەنگە بېرىپ، ئادەمنىڭ ئۇزۇن يوللۇق يۆتكىلىشى ئېلىپ كېلىدىغان يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەتىرىنى ئازايتىشقا كاپالەتلىك قىلدى. سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار ئايرودۇرۇمغا بېرىپ، يېپىق ھالەتتە، نۇقتا بويىچە، بىر جايدىلا كاپالەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىش خىراجىتىنى خوتەن ۋىلايىتى مالىيەسى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى كارخانىلار ئۈستىگە ئالدى. بۇ قېتىم سىرتقا ئىشلىگىلى چىققان 353 ئادەم ئىچىدە، خوتەن شەھىرىدىن كەلگەن 179 ئادەم فۇجيەنگە، قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن 174 ئادەم گۇاڭشىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ.


    خوتەن ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خوتەن ۋىلايىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ھەمدە كارخانىلار بىلەن پائال ماسلىشىپ، ئىشچى قوبۇل قىلىش سانى، ئىش ئورنى تۈرى، مائاش تەمىناتى، ياتاق-تاماق مۇھىتى، ئىش ئورنىغا چىقىش ۋاقتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى توغرا ئىگىلەپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى خالايدىغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھەر ئىككىسىگىلا دەخلى يەتكۈزمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغان.


    مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2020/02/29/036122500.shtml


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى