• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يەنە توققۇز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 16:03 29-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار جەمئىي 43كە يەتتى

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەنە توققۇز ئاغرىق مىسالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى، ئىككىسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى، ئۈچى بىڭتۇەن 4 - شىسىدىكى، بىرى بىڭتۇەن 6 - شىسىدىكى، ئىككىسى بىڭتۇەن 12 - شىسىدىكى ئاغرىق مىسالى.

    بۇ توققۇز ئاغرىق دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىكى تېببىي خادىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇپ باھالىشى ئارقىلىق، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىنى ئايرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش ئەڭ يېڭى ئۆلچىمىگە يەتتى، دەپ قارالدى.

    ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 43كە يەتتى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى