• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    يۇقۇم قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟ نوپۇزلۇق جاۋاب ئاخىرى كەلدى

    مەنبە : mp.weixin.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 15:54 29-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    يۇقۇم قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟


    يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ يۇقۇش كۈچى قانچىلىك زور؟


    سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بىمارلار قايتا يۇقۇملىنىپ ياللۇغ قوزغىلامدۇ؟


    يېڭى دورا قاچان ياسىلىپ چىقىدۇ؟


    ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بىخەتەرمۇ؟


    ....


    يۇقارقى سوئاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابى چىقتى!



    2-ئاينىڭ 27-كۈنى، گۇاڭجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت نەپەس سىستېمىسى كېسەللىكلىرى كىلىنىكىلىق داۋالاش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەن نۇرغۇن «مۇھىم ئۇچۇرلار» نى ئاشكارىلىدى، يۇقىرىقى سوئاللارغا بىرمۇ بىر جاۋاب بەردى. يۇقۇملۇق كېسەللىك يۈز بەرگەندىن بۇيانقى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەننىڭ ھەر بىر قېتىملىق«ئىنكاس» ى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ قېتىم ئاكادېمىك جۇڭ نەنشەننىڭ سۆزىدىن، تور ئەھلى قانداق «مۇھىم نۇقتىلار» نى يىغىنچاقلىدى؟ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ رۈيسى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، « 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلىشقا ئىشەنچىمىز بار» ، « بۇ بىر دۆلەت مۇپتىلا بولغان كېسەل ئەمەس بەلكى ئىنسانلار مۇپتىلا بولغان كېسەل » دېگەندەك خەۋەرلەر جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.


    جۇڭ نەنشەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقىمىغا مۇناسىۋەتلىك يېقىندىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە قايتۇرغان ئىنكاسى:


    1. 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا يۇقۇمنى ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەشكە ئىشەنچىمىز بار.


    2. بۇ بىر دۆلەت مۇپتىلا بولغان كېسەل ئەمەس بەلكى ئىنسانلار مۇپتىلا بولغان كېسەل


    3. دۆلىتىمىز كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.


    4. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ يۇقۇش نىسبىتى يۇقىرى، بىر ئادەم 2-3 كىچە ئادەمگە يۇقتۇرالايدۇ.


    5. بىر ئاينىڭ ئىچىدە يېڭى دورىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس.


    6. 80% كە يېقىن جىددى خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ كېلىش مەنبەسى ھايۋاناتلار.


    7. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملۇق زۇكامنى پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم.


    8. سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بىمارلارنىڭ قايتا يۇقۇملىنىش نىسبىتى تۆۋەن


    9. ئىش ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئىشچىلار چوقۇم ئىككى تۈرلۈك تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، ئەۋرەز يولىنىڭ راۋانلىقىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىنىش كېرەك


    يۇقارقى بۇ جاۋابلارغا قارىتا تورداشلار كۆڭلىدىكى ئىزچىل جاۋابسىز قالغان سوئاللارغا جاۋاب تاپالىغانلىقىدىن خۇشال بولۇشقانلىقىنى بىلدۈردى. بولۇپمۇ 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يۇقۇمنى ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەشكە ئىشەنچىمىز بار دېگەن پەرەزگە قارىتا ئاخىرى ئۈمىد نۇرى كۆردۇق دېيىشتى. بۇ بىر دۆلەت مۇپتىلا بولغان كېسەل ئەمەس بەلكى ئىنسانلار مۇپتىلا بولغان كېسەل دېگەنگە قارىتا تورداشلار كېسەللىك ئالدىدا دۆلەت ئايرىلمايدۇ، ۋىرۇس ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، دادىللىق بىلەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ، بىرلىكتە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ چوقۇم خاتاسى يوق، دەپ بىلدۈرۈشتى.


    4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يۇقۇمنى ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەشكە ئىشەنچىمىز بار دېگەن بۇ خەۋەر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە روھنى ئۇرغۇتقۇچ كەبى رول ئوينىدى، بۇنداق ياخشى خەۋەرنىڭ ئارقىسىدا ئەلۋەتتە يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش 1-سېپىدە جاپاغا چىداپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كېلىۋاتقان شۇ جەڭچىلەرنىڭ بەدەللىرى، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جان پىدالىق بىلەن ياردەمدە بولۇۋاتقان كىشىلەر بار. مەسىلىگە يۈزلىنىش، مەسىلىنى ھەل قىلىش پەن-تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۇقۇمغا قارىشى تۇرۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ دۇنياغا يەتكۈزگەن يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسى.

    来源:中央广播电视总台

    مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR

    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/1muEiGACyJ_2nx8vfHAyIw


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى