• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    گۇگول Pixel 4a يانفونىنىڭ 4-ئايدا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى بېكىتىلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:14 28-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بۇلتۇر گۇگول تۇنجى قېتىم Pixel 3a مەھسۇلات لىنىيەسىنى ئېلان قىلغان ئىدى، بۇ يانفونغا ئوتتۇراھال سەپلىمىلىكلەرنىڭ باھاسى قويۇلغان بولۇپ، سېتىۋېلىش شەرتىنى تۆۋەنلەتكەن. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىل Pixel 4a ۋە Pixel 5 يۈرۈشلۈك يانفونىغا قارىتا، گۇگول ۋىيېتنامدا قۇراشتۇرۇپ ياساشنى پىلانلىغان.


    ئەمەلىيەتتە، بۇلتۇر گۇگول ھەمكارلىق شېرىكلىرى بىلەن بىرگە ۋىيېتنامدا Pixel قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىنى ئۆزگەرتكەن ئىدى، ئەينى چاغدا سودا جېڭى خەتىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى ئويلاشقان. بىراق نۆۋەتتىكى ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىنى ئويلىشىپ جۇڭگودىن ۋېيتنامدا قۇراشتۇرۇشقا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، بەلگىلىك دەرىجىدە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئەلۋەتتە، سەل قاراشقا بولمايدىغىنى، كۆپلىگەن زاپچاسلىرىنى جۇڭگودىن توشۇپ كېلىشى كېرەك بولغاچقا، سامسۇڭنىڭ ۋېيتنامدىكى يانفون زاۋۇتىنىڭ ياسىمىچىلىقى يەنىلا تەسىرگە ئۇچرىدى.


    خەۋەردە ئاشكارىلىنىشچە، Pixel 4aنىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشنى باشلاش ۋاقتى 4-ئايغا بېكىتىلگەن، بۇنداق بولغاندا 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە بولغان I/O پروگىراممىرلار يىغىنىدا ئېلان قىلىشنى تاللىسا تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. Pixel 5نىڭ 9-ئاي ياكى 10-ئايدا چىقىرىلىشىنىڭ ئېھتىماللىقى چوڭ ھەمدە دەل Android 11نىڭ رەسمىي نۇسخىسى ئالدىن ئورنىتىلىدۇ.

    onleaksنىڭ ئاشكارىلىشىغا ئاساسلانغاندا، Pixel 4a يانفونىدا تۆشۈك ئېچىلغان ئېكران لايىھەسى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ گۇگولنىڭ تۇنجى قېتىم تۆشۈك ئېچىلغان ئېكراننى ئىشلىتىشى، ئېكران رازمېرى 5.7 ديۇم ياكى 5.8 ديۇم بولۇشى، كۇۋالكوم سىناپدراگون 730 ياكى سىناپدراگون 765 كۆچمە سۇپىسى سەپلىنىشى مۇمكىن، 4GB+64GB ساقلاش گۇرۇپپىسى سەپلىنىدۇ، ئارقا كامېراسى 12 مىليون 200 مىڭ پىكسېل، Android 10 سىستېمىسى ئىجرا بولىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى