• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    قوش ئېكرانلىق LG V60 ThinQ 5G يانفونى ئېلان قىلىندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:35 27-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بۈگۈن LG تەرەپ ئالتىنچى ئەۋلاد V يۈرۈشلۈكىدىكى يانفون V60 ThinQ 5Gنى ئېلان قىلدى. بۇ يانفونغا سىنەپدارگون 865 تىپلىق بىرتەرەپ قىلغۇچ ۋە كۇۋالكۇمنىڭ X55 تىپلىق مودۇلياتسىيەسى سەپلەنگەن. بۇ يانفون ئەڭ يارقىن نۇقتىسى بولسا قوش ئېكران لايىھەسىدۇر.

    بۇ يانفونغا ئېكران نىسبىتى 20.5:9 بولغان 6.8 ديۇملۇق FHD+OLED ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، ئالدى كامېراسى ئېكرانغا سۇ تامچىسى شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئېكران ئاستىدىن بارماق ئىزى تونۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. ساقلىغۇچ جەھەتتە، 8GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە 128GBلىق ساقلاش بوشلۇقى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سىغىم كارتىسى سېلىش ئارقىلىق سىغىمىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ.


    كامېرا جەھەتتە، ئارقا قىسمىغا ئۈچ كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ToF لېنزىسى، 64 مىليون پىكسېللىق ئاساسىي كامېرا ۋە 13 مىليون پىكسېللىق دەرىجىدىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرادىن ئىبارەت. ئالدى كامېراسى بولسا 10 مىليون پىكسېلغا يېتىدۇ. باتارېيە جەھەتتە 5000 مىللىئامپرلىق باتارېيە سەپلەنگەن، Quick Ge 4+ تېز زەرەتلەش ئىقتىدارىغا ئىگە،


    باشقا ئىقتىدارلىرىغا كەلسەك، بۇ يانفونغا IP68 تىپلىق سۇدىن ۋە چاڭ-توزاندىن مۇداپىيەلىنىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئاندرويىد 10 مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغان، سول تەرىپىگە گۇگولنىڭ ياردەمچى كۇنۇپكىسى سەپلەنگەن.


    بۇ يانفوندىن بۇ يىل ئەتىيازنىڭ ئاخىرلىرىدا مال چىقىرىلىدىغان بولۇپ، كۆك رەڭلىك ۋە ئاق رەڭلىك ئىككى رەڭلەنمە نۇسخىسى بار. باھاسى بولسا تېخى ئېلان قىلىنمىدى.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى