• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئىككىنچى دەرىجىلىك لايىھەگە تەڭشەش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

    مەنبە : mp.weixin.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 15:34 27-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرى ۋە شىنجاڭنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش ئارقىلىق، 2020-يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 24 تىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش دەرىجىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش 1-دەرىجىلىك لايىھەسىنى 2-دەرىجىلىك لايىھەگە تەڭشىدى.


    2020-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 24 تىن باشلاندى


    ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش 2-دەرىجىلىك لايىھەسى دېگەن نېمە؟


    ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە ۋەقەسىدە، ئۆلكىلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئىشتاب ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە ۋەقەسىنىڭ تەسىرى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىز قوغلاپ باھالاپ، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش 2-دەرىجىلىك لايىھەسىنى قوزغىتىشنى قارار قىلىش، ھەمدە ئالاقىدار ئورۇنلارغا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش پىروگراممىسىنى قوزغىتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.


    ئۆلكىلىك قوماندانلىق ئىشتابى ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا دەرھال خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، ھەمدە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى گوۋۇيۈەن ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارغا دەرھال مەلۇم قىلىدۇ. ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئۆز دەرىجىسىدىكى تاسادىپىي ئاممىۋىي سەھىيە ۋەقەسىگە تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئورگىنى ۋە ئالاقىدار ئەزا ئورۇنلارنى جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشكىللەپ ماسلاشتۇرىدۇ.


    2-دەرىجىلىك لايىھە نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟


    جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى گوۋۇيۈەن قارار چىقىرىپ ئورۇنلاشتۇرمايدۇ ۋە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلمايدۇ، ئۆلكىلىك قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئۆزگەرتىلىدۇ.


    2-دەرىجىلىك لايىھە ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ


    ئاھالىلەر قانداق قىلىشى كېرەك؟


    1. ئاھالىلەر قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ياخشى قىلىشى، سىرتقا چىققاندا ماسكىنى ياخشى تاقىشى، ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىنى، زۆرۈر بولمىغان يىغىلىشنى ئازايتىشى كېرەك.


    2. ئىشقا چۈشكەن ئاھالىلەر «ئىككى نۇقتا بىر سىزىق» پىرىنسىپى بىلەن ئىشقا بېرىپ كېلىشى، ئائىلە ۋە ئىشخانىدا پات-پات ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك.


    3. سىرتقا چىققاندا، بولۇپمۇ ئادەم زىچ توپلاشقان ئاممىۋى سورۇنلارغا بارغاندا ماسكا تاقىۋېلىش كېرەك.


    4. قولنى پات-پات يۇيۇپ تۇرۇش، يېمەكلىك تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.


    بۇرۇلۇش نۇقتىسى تېخى كەلمىدى، ياخشى قوغدىنايلى


    ھەممە بىر نىيەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلايلى


    مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR


    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/yt4DWGzgO4urcG8z0RMrsg


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى