• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    يۇقۇم يۇقىرى خەتەرلىك رايونلار سىرتتىن ئادەم كىرگۈزمەسلىك كېرەك

    مەنبە : mp.weixin.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 15:32 27-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يۇقۇم ئەھۋالى يۇقىرى خەتەرلىك رايونلار ۋە يۇقۇملىنىش كېسەللىك مىسالى بار كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ كىرىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى


    2020.02.26


    مەنبە: خەلق تورى  


    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى «يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالى يۇقىرى خەتەرلىك رايونلار ۋە يۇقۇملانغان كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوللانمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قوللانما» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.  


    «قوللانما» خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ «كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوللانمىسى»نىڭ 2-نۇسخىسى ئاساسىدا تېخىمۇ قاتتىق كونكرېتلاشتۇرۇلۇپ، «قوللانما»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: يۇقۇم ئەھۋالى يۇقىرى خەتەرلىك رايونلار ۋە يۇقۇملىنىش كېسەللىك مىسالى كۆرۈلگەن كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى سىرتتىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ساناتورىيەگە كىرىدىغان بارلىق مۇلازىمەت ھەرىكىتى ياكى پائالىيىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتىنىڭ ياشانغانلار ۋە خىزمەتچى خادىملار چىقىشقا بولىدۇ، كىرىشكە بولمايدۇ دېگەن تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى كېرەك.  


    بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان «قوللانما»دا تەشكىلىي رەھبەرلىك، كىرىپ-چىقىشنى باشقۇرۇش، روھىي تەسەللى بېرىش، ياشانغانلارنى قوغداش، ئىچكى جەھەتتىن باشقۇرۇپ كونترول قىلىش، يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش، كۆپ ئۇچرايدىغان دېزىنفېكسىيە دورىسى ۋە تەييارلانمىسىنى ئىشلىتىش قاتارلىق يەتتە تۈر بويىچە 35 ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مۇھىم نۇقتىسى بېكىتىلدى، 1-، 2-نۇسخىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۆۋەندىكىدەك بەش گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بار:  


    بىرىنچى، تەتبىقلىنىش ئوبيېكتى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.  


    ئىككىنچى، كىرىپ-چىقىشنى باشقۇرۇش تېخىمۇ چىڭىتىلدى.  


    ئۈچىنچى، ياشانغانلارنى قوغداش تەدبىرلىرى تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇرۇلدى.  


    تۆتىنچى، ئىچكى جەھەتتىن باشقۇرۇپ كونترول قىلىش تېخىمۇ دەل جايىدا بولدى.  


    بەشىنچى، يۇقۇمنى بىر تەرەپ قىلىش تېخىمۇ ئىلمىي بولدى.  


    كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر  


    مەنبە: خەلق تورى


    مەنبە: 人民网维吾尔文版

    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/ohoWpqed8pJ1KmMHa1Vptg

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى