• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    يەنجىدىكى مېھرىبان زاتلار خۇبېيغا 50 توننا ئۇن ئىئانە قىلدى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 15:29 27-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


     بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر چېن شىن خەۋىرى): يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، يەنجى ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما خۇبېيغا رىشتە باغلاپ، بەس-بەستە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا پۇل ۋە كۈچ چىقاردى. 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، يەنجى ناھىيەسىدىن ئىئانە قىلىنغان 50 توننا مېھىر-شەپقەت ئۇنى ئىككى ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىغا بېسىلىپ، كېچە-كۈندۈزلەپ خۇبېيغا يۈرۈپ كەتتى.


      مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ 50 توننا ئۇن يەنجى ناھىيەسىدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى ۋە شەخسلەر ئىئانە قىلغان پۇلغا سېتىۋېلىنغان بولۇپ، قىممىتى 140 مىڭ يۈەن ئىكەن. بايىنغولىن ئوبلاستى جېنخۇي تىرانسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مول تەجرىبىگە ئىگە ئالتە نەپەر ئۇزۇن يوللۇق شوپۇر ۋە بىر ئاپتوموبىل رېمونتچىسىنى ئەۋەتىپ، بۇ قېتىمقى تىرانسپورت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ قېتىمقى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ھەرىكىتىدە، كارخانا يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەقسىز تەمىنلىگەن، شوپۇرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە بېرىشقا تىزىملاتقان، بەزىلەر شوپۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس سۇغۇرتا سېتىۋالغان، يەنە بەزىلەر مەخسۇس ئاپتوموبىل بىلەن كېلىپ، شوپۇرغا يېمەكلىك ئەكىلىپ بەرگەن. «ئاق يول بولسۇن، سەپىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن، بىزگە بالدۇرراق خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىڭلار...» ھەر بىر ئېغىز سەمىمىي تاپشۇرۇققا يەنجىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلارنىڭ چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتى سىڭگەنىدى.


      بايىنغولىن ئوبلاستى جېنخۇي تىرانسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شوپۇرى ليۇ مىڭ مۇنداق دېدى: «يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ قېتىمقى ماددىي ئەشيا توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. بىز شەخسىي مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ھەر بىر ئاپتوموبىلغا ئىككىدىن شوپۇر مەسئۇل بولدۇق، ئادەم ئارام ئالسىمۇ ئاپتوموبىلنى ئارام ئالدۇرماي، يەنجى خەلقىگە ۋاكالىتەن بۇ كۆڭلىمىزنى ۋۇخەنگە يەتكۈزىمىز».


      خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاش تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ مېھىر-شەپقەت ئۇنلىرى خۇبېي ئۆلكىسى خوڭخۇ شەھىرىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئاندىن شۇ جايدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بىر تۇتاش يۆتكەپ توشۇلىدىكەن.


    مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2020/02/26/036116536.shtml


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى