• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: جۇڭگودىن ئۆرنەك ئېلىشقا ئەرزىيدۇ

    مەنبە : mp.weixin.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:29 26-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جەنۋەدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ مۇنداق دېدى: «يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ DNA سىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمىدى، يەنە كېلىپ توسۇشقا بولىدۇ. جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىشقا بولىدۇ، پۈتۈن دۇنيا ئۆرنەك ئېلىشقا ئەرزىيدۇ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دۇنياۋى خاراكتېرلىك تارقىلىشچان كېسەل ئەمەس.»


    يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ DNA سىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمىدى


    دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس مۇنداق دېدى: «تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى جۇڭگودىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى ۋە دوكلات ئېلان قىلدى، مەزكۇر گۇرۇپپا ۋۇخەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگودىكى نۇرغۇن ئۆلكىلەرگە باردى، ھەمدە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشچانلىقى، كېسەلنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ۋە قوللىنىلغان تەدبىرلەرنىڭ تەسىرى جەھەتلەردە بىر قاتار بايقاشلارغا ئېرىشتى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بايقىشىچە، بۇ تارقىلىشچان كېسەل 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىن كېيىن تۇراقلاشقان، ئارقىدىن ئىزچىل مۇقىم ئازىيىپ ماڭغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋىرۇسنىڭ DNA سىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمىغان.»

    تېدروس مۇنداق دېدى: «تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بايقىشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ۋۇخەندىكى ئۆلۈش نىسبىتى %2 تىن %4 كىچە بولغان، ۋۇخەندىن باشقا جايلاردىكى ئۆلۈش نىسبىتى %0.7 بولغان. يىنىك تىپتىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ ساقىيىش ۋاقتى تەخمىنەن ئىككى ھەپتە، كېسىلى ئېغىر ۋە خەتەرلىك بىمارلارنىڭ ساقىيىش ۋاقتى ئۈچ ھەپتىدىن ئالتە ھەپتىگىچە بولغان.»


    تېدروس تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو تەدبىرلەرنى قوللىنىپ زور مىقداردا يۇقۇملىنىشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلاندى، نۆۋەتتە جۇڭگودا بىمارلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەۋاتىدۇ، بۇ ئەھۋال بىزنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.» بۇ ھالقىلىق ئۇچۇرلار ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئارزۇ، جۈرئەت ۋە ئىشەنچ بېغىشلىدى، ۋىرۇسنى توسۇپ قېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


    ھازىرچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دۇنياۋى خاراكتېرلىك تارقىلىشچان كېسەل دەپ ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ


    تېدروس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ھازىر جۇڭگودىن باشقا 28 دۆلەتتە 2074 بىمار كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە 23 نەپەر بىمار قازا قىلدى. يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە، ياپونىيە، كورېيە، ئىتالىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەردە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق يۇقۇمنىڭ ئېشىش ھالىتى كۆرۈلدى، بۇ ئەھۋال ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتىنى زۆرۈر بولغان تېخنىكىلىق قوللايدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋىرۇس ۋە ئۇنىڭ تارقىلىش ئۇسۇلىنى چۈشۈنىۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.»

    يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ رەڭلىك سۈرىتى


    تېدروس مۇنداق دېدى: «بۇ خىل ئېشىشنىڭ بۇ تارقىلىشچان كېسەللىكنىڭ دۇنياۋى خاراكتېرلىك تارقىلىشچان كېسەللىك بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ-بەرمەمدۇ دېگەن مەسىلىگە قارىتا، كىشىلەر نۇرغۇن پەرەزلەرنى قىلدى. ۋىرۇسنىڭ جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى، كېسەلنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيەتكە بولغان تەسىرىنى ئۈزلۈكسىز باھالاش ئاساسىدا، نۆۋەتتە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دۇنياۋى خاراكتېرلىك تارقىلىشچان كېسەللىك دېيىشكە بولمايدۇ. ھازىر <كەڭ>، يەنە كېلىپ ھازىر دىققىتىمىزنى قايسى سۆزنى ئىشلىتىشكە قاراتساق بولمايدۇ، بۇنىڭغا قاراتقىنىمىز بىلەن يۇقۇملىنىشنى توسۇپ قالغىلى، ھاياتلىقنى قۇتقۇزغىلى بولمايدۇ.»


    دۇنياۋى خاراكتېرلىك تارقىلىشچان كېسەللىك بولۇپ تەرەققىي قىلىش ئېھتىماللىقىغا تەييارلىق كۆرۈش كېرەك


    تېدروس مۇنداق دېدى: «ھازىر چوقۇم پۈتۈن كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ۋىرۇسنى توسىشىمىز كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يوشۇرۇن دۇنياۋى خاراكتېرلىك تارقىلىشچان كېسەللىك ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تەييارلىقنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئىشنى ئەڭ ئاۋۋال ئويلىشىش زۆرۈر:


    بىرىنچىدىن، بارلىق دۆلەتلەر چوقۇم ئەڭ ئاۋۋال سەھىيە خىزمەتچىلىرىنى قوغدىشى كېرەك.


    ئىككىنچىدىن، مەھەللىلەرنى چوقۇم قاتناشتۇرۇپ، ئېغىر كېسەل بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ ئادەملەرنى قوغداش، بولۇپمۇ ياشانغانلارنى ۋە ئۇل كېسەللىك بار كىشىلەرنى قوغداش كېرەك.


    ئۈچىنچىدىن، يۇقۇمنى توسىغىلى بولىدىغان دۆلەتلەر ئەڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن ئەڭ ئاجىز دۆلەتلەرنى قوغدىشى كېرەك. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس پۈتۈن دۇنياغا ئورتاق خەۋپ.


    «جۇڭگونىڭ ئۇسۇلى بىردىنبىر ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇل»


    2-ئاينىڭ 24-كۈنى، جۇڭگو-دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ چەتئەل تەرەپ باشلىقى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش ئىش بېجىرگۈچىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى بىلۇس ئېلۋارد مۇنداق دېدى: «پۈتۈن دۇنيا تېخى جۇڭگونىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا تەييارلىنىپ بولالمىدى. لېكىن جۇڭگونىڭ ئۇسۇلى نۆۋەتتىكى بىردىنبىر ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇل.»

    بىلۇس ئېلۋارد مۇنداق دېدى: «پۈتۈن دۇنيا يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ۋە تەييارلىق قىلىشقا مەجبۇر بولۇش جەريانىدا، ئىلگىرى مەندىكى دورا ئىشلىتىلمىگەن ئارىلىشىش تەدبىرىگە بولغان پوزىتسىيەمۇ باشقىلارغا ئوخشاش مۇجمەل ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر دورا يوق، ۋاكسېنىمۇ يوق، شۇڭا ئامالىمىز يوق دەيدۇ. لېكىن جۇڭگونىڭ قىلغىنى <دورا> بولدى. ئەمەلىيەت جۇڭگونىڭ ئۇسۇلىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.»
    مەنبە: 中国维吾尔语广播CNR
    ئادرېسى: https://mp.weixin.qq.com/s/H8W-d4jRhduhKR1jf64vjQ


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى