• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلار، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرى ئىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈردى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 12:25 26-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسىدىكى كۆپ قوزىلايدىغان قوي كۆپەيتىش مەيدانىدا، خادىملار قويلارغا يەم - خەشەك بەرمەكتە. ھازىر، كۆپەيتىش مەيدانى شۇ جايدىكى 15 نامرات دېھقاننى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.


    (شۈ شياۋلۇڭ فوتوسى)


    ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دېمەكتۇر، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش دېمەكتۇر. ھازىرقى يۇقۇم ۋەزىيىتىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى پائال قوللىنىپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلارنى، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىنى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەرتىپلىك يېتەكلەپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلدى.


    2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مۇغاللا بازىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش كەسىپ باغچىسىدىكى شىنجاڭ خېسەي كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ كىيىم تىكىش سېخىدا، بۇ بازارنىڭ قاغا كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى تۇردىخان مەتتوختى كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا بىمالال مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى.


    يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە. ھۆكۈمەت جايىدا مۇلازىمەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن كارخانىلار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىشلەمچىلەر كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىشلىدى، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت مۇقىم، تەرتىپلىك بولدى. نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 229 كارخانا ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈردى، ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئىش ئورنى 30 مىڭغا يېقىنلاشتى.


    «بۇ يەردە ئىشلەپ، ھەر ئايدا 1500 يۈەن تاپالايمەن، بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئىشەنچىم بار» دېدى 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسىدىكى كۆپ قوزىلايدىغان قوي كۆپەيتىش مەيدانىنىڭ خادىمى خەيرىنسا ئوبۇل خۇشال ھالدا.


    1870 قوينىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خەيرىنسا ۋە 14 نامرات ئائىلە كۆپەيتىش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىپ، قويلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۈچ قېتىم ئۆلچەپ ھەم بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ياخشى خاتىرىلەپ، كۆپ قوزىلايدىغان قوينىڭ ئەي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.


    يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا تۇتتى، نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىلار، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.


    2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، قەشقەر شەھىرىدىكى شىنجاڭ كاچۇن ئاشلىق - ياغ چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا ماشىنا گۈركىرىدى. ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن بۇيان، كاچۇن ئاشلىق - ياغ شىركىتى ھەر كۈنى 260 توننا ئۇن ئىشلەپچىقىرىپ، ئاساسلىقى قەشقەر شەھىرى ھەم ئەتراپتىكى رايونلارنى تەمىنلىدى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، بىر تۈركۈم كارخانىلار كەينى - كەينىدىن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىنى ۋە ئاممىنى تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.


    (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، جاڭ جىلى، خەن چىنيەن يازغان)

    مەنبە: http://uy.ts.cn/system/2020/02/25/036114786.shtml

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى