• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    فۇكاڭ شەھىرىدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىسى 20 نەچچە مىڭ يۈەنلىك ماددىي ئەشيا ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ قوشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:20 26-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    سانجى گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ۋۇ چيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ روشۇەن خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، فۇكاڭ شەھىرى دەنگې مۇزىكىلىق تاماقخانىسىنىڭ خوجايىنى مەردان ئابدۇللا فۇكاڭ شەھىرى چېڭگۈەن بازىرى چېڭنەن كەنتىدىكى بىرىنچى سەپتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خادىملىرىغا 800 دانە مېھىر-شەپقەت ماسكىسى، بىر يەشىك «84» دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىئانە قىلدى. 1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن ھازىرغىچە، مەردان ئابدۇللا 20 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشياسى ئىئانە قىلدى. بۇ ماددىي ئەشيالار داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا، بۆك، پەلەي، مۇداپىئە كىيمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


    مەردان ئابدۇللا بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇۋاتقان «تەتۈر يۆنىلىشتە يۈرگۈچى»لەرنىڭ جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ماددىي ئەشيا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىمەكچى بولدى، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فۇكاڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى، شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى، داچۈەن مەركىزىي كەنتى قاتارلىق ئورۇنلارغا 4900 دانە ماسكا، 1500 جۈپ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان پەلەي، 2800 دانە بىر قېتىملىق بۆك، 1400 جۈپ بىر قېتىملىق پەلەي، 350 قۇتا «84» دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، 28 جۈپ ئۆتۈك ئاپىرىپ بەردى، يەنە بىر قانچە ئورۇنغا 200 نەچچە نان ئاپىرىپ بەردى.


    فۇكاڭ شەھىرى سەنگۇڭخې يېزىسى داچۈەن مەركىزىي كەنتىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى قولايسىز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، مەردان ئابدۇللا كەنت ئاھالىلىرىگە كېرەكلىك بۇيۇملارنىڭ تىزىملىكىگە ئاساسەن كۆكتات ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالدى ھەمدە ئالاقىدار خادىملار بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۆكتات، تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى كەنتكە ئاپىرىپ بەردى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى