• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ۋولكسۋاگېن جېتتا VS7 ئوتتۇراھال تىپلىق SUV ئاپتوموبىلى رەسمىي ئېلان قىلىندى

    مەنبە : auto.163.com
    يوللانغان ۋاقىت : 12:06 26-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    سېتىۋالسا، زاكاز قىلسا يەتتە چوڭ سوۋغات بار: سۈپەت كاپالەت سوۋغىتى، بەش يىل ياكى 100 مىڭ كىلومېتىرلىق پۈتۈن ئاپتوموبىل سۈپەت كاپالىتى؛ ئۈچ يىلدا ئالتە قېتىم ھەقسىز ئاساسىي ئاسراش؛ پۇل-مۇئامىلە سوۋغىتى: 2-3 يىللىق ئۆسۈمسىز قەرز؛ 3000-5000 يۈەنلىك ئالماشتۇرۇش تولۇقلىمىسى؛ ئالدىن يېڭى ئاپتوموبىلغا ئېرىشىش مۇلازىمىتى: ئاپتوموبىلنى تاپشۇرۇپ بەرگەندە سەرخىل مۇكاپات يۈرۈشلىكى بېرىش؛ چەك تارتىپ گېرمانىيەگە 30 مىڭ يۈەنلىك ساياھەتكە بېرىش فوندىغا ئېرىشىش؛


    جېتتا VS7نىڭ بازار ئورنى ئوتتۇراھال تىپلىق SUV ئاپتوموبىلى بولۇپ، جېتتا VS5 بىلەن يېقىن ئەڭ يېڭى جەمەتلەشكەن تاشقى قىياپەت ياسىلىش شەكلى ۋە لايىھەسى قوللىنىلغان. ئالدى يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالتە تەرەپلىك سالاسۇن ۋە ماترىتسا شەكلىدىكى ئوتتۇرا تور كۆزگە ئەڭ چېلىقىدۇ، ئوتتۇرىسىدىكى خاسلاشقان ئۈچ بۇلۇڭلۇق ماركا لوگوسى بار.

    يان تەرىپى ئىخچام ياسىلىش شەكلىدە ھەمدە ئۆتكۈر كېسىپ ئۆتكەن شەكىلدىكى بەل سىزىقلار تارتىلغان. گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4624mm/1841mm/1644mm، ئوق ئارىلىقى 2730mm. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ياسىلىش شەكلى يېڭىچە ھەمدە جەزبىدار چاق بۇلى سەپلەنگەن.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى