• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ھەقىقىي قوش شاھ! مېسسى بىلەن رونالدو كۇلۇب ھاياتىدا ئوخشاشلا 626 توپ كىرگۈزدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:01 26-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بارسېلونا ئالدىنقى ئايلانمىدىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە ساھىبخان مەيداندا 0:5 نەتىجە بىلەن ئېيبارنى مەغلۇپ قىلدى، بۇ مۇسابىقىدە مېسسى تۆت توپ كىرگۈزدى. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇۋېنتۇس ئالدىنقى ئايلانمىدىكى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە 1:2 نەتىجە بىلەن سپالنى مەغلۇپ قىلدى، بۇ مۇسابىقىدە كرىستىيانو رونالدو بىر توپ كىرگۈزدى. ESPNنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، كرىستىيانو رونالدو بىلەن مېسسىنىڭ كۇلۇبتا كىرگۈزگەن توپىنىڭ سانى يەنە بىر قېتىم تەڭلىشىپ قالغان بولۇپ، ئىككەيلەن كۇلۇب ھاياتىدا ئوخشاشلا 626 توپ كىرگۈزگەن.

    مېسسى ئېيبار بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە تۆت توپ كىرگۈزۈپ ئۇدا تۆت مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزەلمەسلىكتەك ناچار ھالىتىگە خاتىمە بەردى، كرىستىيانو رونالدومۇ ئۇدا 11 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ كىرگۈزدى.


    سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن كرىستىيانو رونالدو كەسپىي ھاياتىدىكى 833 مەيدان كۇلۇب مۇسابىقىسىدە 626 توپ كىرگۈزۈپ 214 قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان بولۇپ، 32 ياشلىق مېسسى كەسپىي ھاياتىدىكى 715 مەيدان كۇلۇب مۇسابىقىسىدە ئوخشاشلا 626 توپ كىرگۈزگەن، شۇنداقلا 261 قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى