• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    گرېزمان ئىككى يىلدىن كېيىن چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى مېھمان مەيداندا قايتا توپ كىرگۈزدى

    مەنبە : sports.163.com
    يوللانغان ۋاقىت : 11:28 26-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە سان پاۋلو توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، بارسېلونا كوماندىسى مېھمان مەيداندا ناپولى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، بارسېلونا مەيدان نەتىجىسىدە بىر توپ كەينىدە قالغان شارائىتتا، گرېزمان كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، بۇنىڭ بىلەن فرانسىيەلىك بۇ ھۇجۇمچى ئۆزىنىڭ چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى مېھمان مەيداندا ئىككى يىلدىن ئارتۇق توپ كىرگۈزەلمەسلىك ھالىتىگە خاتىمە بەردى.

    مۇسابىقە باشلىنىپ 57 مىنۇت بولغاندا، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، بۇسكىسنىڭ ئۇدۇل پاس بېرىشى بىلەن سېمېدو چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ئوڭ تەرەپتىن توپنى ئوتتۇرىغا يەتكۈزدى، توپقا ئۈلگۈرگەن گرېزمان توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى ناپولى 1:1 بارسېلونا.


    ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن بۇرۇن گرېزمان ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقت چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى مېھمان مەيداندا ئوينىغان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزۈپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئالدىنقى قېتىم چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى مېھمان مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگەن ۋاقتى 2017-يىلى ئىككىنچى ئايغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا مادرىد ئاتلېتكا بىلەن لېۋېركۇسېن ئوتتۇرىسىدا ئوينالغان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگەن.


    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ توپ گرېزماننىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە كىرگۈزگەن 24-توپى بولۇپ، كىرگۈزگەن توپ سانى جەھەتتە سۇئارېز، سچولىس، ھىگۇايىن ۋە فېگولار بىلەن تەڭلەشكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى