• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    برەيسۋەيت: مېسسى بىلەن قۇچاقلاشتىم، ئەمدى بۇ كىيىمنى يۇيمايمەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:27 25-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بېيجىڭ ۋاقتى تۈنۈگۈن سەھەر، نوكەمپو توپ مەيدانىدا ئوينالغان، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 25-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئېيبار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 72 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، كوماندىغا يېڭىلا قوشۇلغان برەيسۋەيت گىرېزماننىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ مەيدانغا چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنى تاماملىدى، 88-مىنۇتتا برەيسۋەيتنىڭ ياردەم پاس بېرىشى بىلەن مېسسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى تۆتىنچى توپىنى كىرگۈزدى، بىر مىنۇتتىن كېيىن برەيسۋەيتنىڭ قاپقىغا تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسقاندىن كېيىن ئارتۇر قايتقان توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، بۇنىڭ بىلەن برەيسۋەيتنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئىككى توپنى بارلىققا كەلتۈرۈشتەك نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.


    ئەلۋەتتە برەيسۋەيت بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى باش قەھرىمان ئەمەس، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى تۆت ئايلانما توپ كىرگۈزەلمەسلىك ناچار ھالىتىگە خاتىمە بېرىپ، بىراقلا تۆت توپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق يوچۇقنى تولۇقلىدى، مۇسابىقىدىن كېيىن مەيلى كۇلۇب رەھبەرلىرى بولسۇن، كوماندا ئەزالىرى بولسۇن ۋە ياكى تاراتقۇلار بولسۇن ھەممەيلەن مېسسىنى ماختاش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئەلۋەتتە يېڭى قوشۇلغان ماھىر برەيسۋەيتمۇ شۇ قاتاردا مېسسىنى ماختاپ يېڭى پەللىگە كۆتۈردى، ئۇ مۇسابىقە توغرىسىدىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ بىر قانچە نۇقتىلار ھەققىدە توختالدى.


    مۇسابىقىدىن ئالغان تەسىراتى ھەققىدە:


    «مەن بۇ يەردە ئۆزۈمنى ناھايىتى ياخشى ھېس قىلدىم، ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى قالتىس توپچىلار، مەن يۈگۈرۈپ، يۆتكىلىپ سىناپ باقتىم، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، سەپداشلىرىم مېنى تاپالىدى، مەن بەك خۇشال بولدۇم.»


    مەستانىلەرنىڭ چاۋاكلىرى توغرىسىدا:


    «ناھايىتى ئالاھىدە، بۇ مەن كىچىك ۋاقتىمدا تېلېۋىزوردىلا كۆرەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ يېڭى توپچىلارنى كۈتۈۋېلىش ئۇسۇلى، تۇيۇقسىز بۇ يەرگە كېلىپ مەنمۇ مەستانىلەرنىڭ بۇ خىل كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتىم، ھەقىقەتەن پەخىرلىنىمەن.»


    مېسسىغا ياردەم پاس بېرىش ھەققىدە:


    «ئۇ مېنى قۇتلۇقلىدى، مېسسى ئىنتايىن ياخشى، ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن مېنى ئەركىن ھېس قىلدۇردى، ئۇ پاس يەتكۈزۈش ئارقىلىق مېنى تاپتى. ئۇ مېنى قۇچاقلاپ قويغاندىن كېيىن، مەن ئەمدى بۇ كىيىمنى يۇيماسلىقنى قارار قىلدىم. راستىنى دېسەم، مەن ئۇنىڭغا ياردەم پاس بېرەلىگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى