• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    خانلىق مادرىد ئورگان تورى: خازاردنىڭ ئوڭ پاقالچاق سۆڭىكى يېرىلىپ كەتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:41 24-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    خانلىق مادرىد ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خازاردنىڭ ئوڭ تەرەپ يان پاقالچاق سۆڭەڭ يېرىلىپ كەتكەن بولۇپ، كونكرېت زەخىملىنىش ئەھۋالى ۋە ئارام ئېلىش ۋاقتى ئايرىم بېكىتىلىدىكەن. خانلىق مادرىد ئورگان تورىدا «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىياگنوز قويۇش ۋە كۆزىتىش ئارقىلىق، خازاردنىڭ ئوڭ تەرەپ يان پاقالچاق سۆڭەڭ يېرىلىپ كەتكەنلىكى ئايان بولدى، ئۇنىڭ تېزىراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ ئېلان قىلدى.


    ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 25-ئايلانمىسىدا، خانلىق مادرىد 0-1 نەتىجىدە لېۋانتقا ئۇتتۇرۇپ قويدى، خازارد مۇسابىقىنىڭ 67-مىنۇتىدا يارىلانغاچقا مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. خازارد ئالدىنقى ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كەلگەن، قايتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى يارىلىنىش سەۋەبىدىن 82 كۈن مۇسابىقىگە قاتناشمىغان، ئۇ قايتىپ كېلىپ ئىككى مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن يەنە يارىلاندى.


    ئۆتكەن يىلى يازدا خانلىق مادرىدقا قوشۇلغاندىن كېيىن، خازارد بۇ پەسىل يارىلىنىش سەۋەبىدىن 22 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشمىدى، بۇنىڭ ئىچىدە پاقالچاق مۇسكۇلۇ يارىلىنىپ بەش مەيدان، ئوشۇقى يارىلىنىپ 17 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمىدى. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، بېلگىيەلىك بۇ چولپان 12 يىللىق كەسپىي ھاياتىدا يارىلىنىشى سەۋەبىدىن ئاران 52 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشمىغان، لېكىن بۇنىڭ ئىچىدە خانلىق مادرىدتا 22 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشمىغان.


    29 ياشلىق خازاردنىڭ مەيداندىكى ئورنى كراي، ئۇ بۇ پەسىل خانلىق مادرىدقا ۋاكالىتەن 15 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، بىر توپ كىرگۈزۈپ ئىككى ياردەمچى پاس بەرگەن. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خازارد يارىلىنىش سەۋەبىدىن ئىككى ئاي ئارام ئالىدىغان بولغاچقا، بارسېلونا بىلەن ئوينىلىدىغان دۆلەت دېربىيسىغا قاتنىشالمايدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى