• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 25-ئايلانما: بارسېلونا 0:5 ئېيبار

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:07 23-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، كەچ سائەت 23:00تە، 2019/2020-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 25-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە نوكەمپو توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، بارسېلونا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئېيبار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ئېيبار كوماندىسىدىن ئېنرىچ كاللا توپتىن بىرنى كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئىناۋەتسىز قىلىندى، مېسسى كەينى-كەينىدىن ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، «قالپاق ئويۇنى» ئويناپ تۆت ئايلانما توپ كىرگۈزەلمەسلىككە خاتىمە بەردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بارسېلونانىڭ ئۈچ توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلوناغا يېڭىدىن قوشۇلغان برەيسۋەيتنىڭ پاس بېرىشى بىلەن مېسسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى تۆتىنچى توپىنى كىرگۈزدى، كەينىدىن ئارتۇر بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى تېخىمۇ چوڭايتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 0:5 نەتىجىدە ئېيبار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.


    مۇسابىقە باشلىنىپ ئېيبار كوماندىسى ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، تۆت مىنۇت بولغاندىلا ئېنرىچ كاللا توپتىن بىرنى كىرگۈزدى، رىپېر ئېنرىچنى ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 14 مىنۇت بولغاندا ساھىبخان مەيداندىكى بارسېلونا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، راكېتىچنىڭ پاس بېرىشى بىلەن مېسسى كەينى-كەينىدىن مۇداپىئەچىلەرنى ئالداپ ئۆتۈپ، توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى. 37-مىنۇتتا بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، ۋىدالنىڭ پاس بېرىشى بىلەن مېسسى توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە سول تەرەپتىن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن ئۈچ مىنۇت ئۆتكەندە بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، چەكلەنگەن رايون ئىچىدە گرېزماننىڭ پۇتىدىكى توپ بۇزۇۋىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇدۇل مېسسىنىڭ پۇتىغا كەلدى، مېسسى توپنى توختاتمايلا قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزۈپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى «قالپاق ئويۇنى»نى تاماملىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بارسېلونانىڭ ئۈچ توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.


    كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ بارسېلونا ھۇجۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، ئېيبار كوماندىسىمۇ بوش كەلمەي قاتتىق تىركەشتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 64 مىنۇت بولغاندا بارسېلونادىن پىك ئۆز قاپقىسىغا كاللا توپتىن بىرنى كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما رىپېر ئېيبار كوماندىسىنى ھۇجۇم جەريانىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، 76-مىنۇتتا بارسېلونادىن ئۇمتىتى بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر لېنگلېتنى ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، ئالتە مىنۇتتىن كېيىن ۋىدال بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئوخشاشلا رىپېر تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىندى، مۇسابىقە 88 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، برەيسۋەيتنىڭ پاس بېرىشى بىلەن مېسسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى تۆتىنچى توپىنى كىرگۈزدى، بىر مىنۇتتىن كېيىن بارسېلونا يەنە ھۇجۇم تەشكىللەپ، برەيسۋەيتنىڭ تەپكەن توپى توسۇۋېلىنغاندىن كېيىن، ئارتۇر قايتقان توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 0:5 نەتىجىدە ئېيبار كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى