• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    كالتسىي تولۇقلاشنىڭ توغرا ئۇسۇلىنى بىلىۋېلىڭ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:04 23-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    كالتسىي تابلېتكىسى نۇرغۇن ئائىلىلەردە كالتسىي تولۇقلاشتىكى ئالدىنقى تاللاش بولۇپ، مەيلى ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بولسۇن، مەيلى كىچىك بالىلاردا بولسۇن ياكى ياشانغانلارنىڭ سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بولسۇن كالتسىي تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. كالتسىينىڭ رولى سۆڭەكنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە مۇسكۇل ۋە نېرۋىنىڭ قوزغىلىشىنى تەڭشەيدۇ. تۆۋەندىكى تۆت خىل خاتا يېيىش ئۇسۇلى كالتىسىي تابلېتكىسىنى بىكارغا ئىسراپ قىلغانلىق بىلەن باراۋەر.

    كالتسىي تابلېتكىسى بىلەن سۈت بىرلا ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىش

    ئادەتتە بىز كالتىسىي تابلېتكىسىنى تاللىغاندا، كىچىكرەك كالتىسىي تابلېتكىسىنى تاللايمىز، بۇنىڭ سەۋەبى بىر قېتىمدىلا كۆپ مىقداردا كالتىسىي تولۇقلىغاندا كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، كالتىسىي تابلېتكىسىبىلەن كالا سۈتىنى تەڭ ئىچمەسلىكنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ. سۈت تەبىئىي كالتسىي مەنبەسى، بولۇپمۇ بەزى ئەركىن ھالەتتىكى كالتسىي ئاسانلا بەدەنگە سۈمۈرۈلۈپ، بەدەندىكى كالتسىي مىقدارىنى تويۇنغان ھالەتكە يەتكۈزىدۇ. كالتسىي تابلېتكىسىنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ مىقدارىمۇ ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، كالا سۈتى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىش ئورگانىزمغا زور مىقداردا كالتسىي تولۇقلىغانغا باراۋەر. ئورگانىزم ئالدىن مۆلچەرلەنگەن كالتسىي تولۇقلاش ئۈنۈمىنى تولۇق قوبۇل قىلالمايلا قالماستىن، بەلكى ئارتۇقچە كالتسىيدىنمۇ پايدىلانغىلى بولمايدۇ، پەقەت سۈيدۈككە ئەگىشىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كالتسىي تابلېتكىسى سۈت بىلەن ئارىلاشقاندىن كېيىن، سۈتنىڭ چۆكمە ھاسىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    كالتسىي، تۆمۈر، سىنكنى بىرلا ۋاقىتتا تولۇقلاش

    بۇ خاتا قاراش، بازاردىكى كالتسىي، تۆمۈر، سىنك قاتارلىقلارنى تەڭ تولۇقلايدىغان مەھسۇلاتنى يېسە ئۈچ خىل ئوزۇقلۇق ماددىسىنى تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ، دېگەن سۆزلەردىن كەلگەن، بۇ ئۇسۇل ئاددىي ھەم تېجەشلىك بولغاچقا ئىستېمالچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. خەلقئارا مېدىتسىنا ساھەسىدىكىلەرنىڭ كالتسىي، تۆمۈر، سىنكنىڭ ئادەم بەدىنىدە سۈمۈرۈلۈش جەريانى توغرىسىدىكى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، تۆمۈر، كالتسىي، سىنك قاتارلىقلار بىرلا ۋاقىتتا تولۇقلانسا، تۆمۈر ۋە سىنك ئېلېمېنتلىرى كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تۆۋەنلىتىدۇ، تۆمۈر بىلەن سىنك ئاساسەن سۈمۈرۈلمەيدۇ. شۇڭا، كالتسىي، تۆمۈر، سىنكنى بىرلا ۋاقىتتا تولۇقلاشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، كالتسىي تولۇقلاشتا ئەڭ ياخشىسى تۆمۈر، سىنكتىن ئايرىپ تولۇقلاش كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدى بىلەن سىنك تولۇقلىغاندا كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    ئاچ قورساق كالتسىي تابلېتكىسى يېيىش

    كالتسىي تابلېتكىسى قوبۇل قىلغاندا ئەڭ چوڭ مەسىلە قوبۇل قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى. ئۇ ئېرىشچان كالتسىي شەكلىدە سۈمۈرۈلىدۇ. ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاچ قورساق ھالەتتىكى ئاجرالما مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا كالتسىي تابلېتكىسىنى يېسە ياخشى سۈمۈرەلمەيلا قالماستىن، بەلكى كالتسىي تابلېتكىسى ئاشقازان كىسلاتاسى بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ، ئاشقازان بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئاشقازان ئىقتىدارى مۇكەممەل بولمىغان بالىلار ۋە ئاشقازان ئىقتىدارى ئاجىزلاشقان ياشانغانلار كالتسىي تابلېتكىسى يەپ كالتسىي تولۇقلىغاندا، ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىپ، كالتسىي تابلېتكىسى تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ ئاشقازاننى غىدىقلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

    كالتسىي تابلېتكىسى ئىستېمال قىلىش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلى

    كۆپ ھاللاردا بىز كالتىسىي تابلېتكىسى قاچان ئېسىمىزگە كەلسە شۇ چاغدا يەيمىز. كالتسىي تابلېتكىسى يېيىشنىڭمۇ ۋاقىت تەلىپى بارلىقىنى بىلمەيمىز. تاماق بىلەن بىللە يېيىش ياكى تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلىش ئەڭ توغرا تاللاش بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ئەڭ چوڭ بولۇپ، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن كالتسىي تابلېتكىسى يېسە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ، چۈنكى كېچىدە ئۇخلىغاندا مېتابولىزم تېزلىشىپ، كالتسىي مېتابولىزمى ۋە سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا، كالتسىي تابلېتكىسىنى ئادەتتە چايناپ ئىستېمال قىلىنىدۇ، قانچە يۇمشاق چاينىغانسېرى سۈمۈرۈلۈشى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. كالتسىي تولۇقلىغاندا ئاپتاپقا قاقلىنىش ياكى ۋىتامىن D تولۇقلاش ئارقىلىق كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. كالتسىي تابلېتكىسى ئىستېمال قىلغاندا تەركىبىدە ئۆسۈملۈك كىسلاتاسى، ئوكسالىك كىسلاتا، كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىك قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك. چۈنكى بۇلار كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    كالتسىي تولۇقلاش پەقەت كالتسىي تابلېتكىسى يېيىشتىن ئىبارەت بىرلا ئۇسۇل ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلمايدۇ، كالتسىي تابلېتكىسى كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەكتىكى كالتسىي يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. بەدىنىمىز ئېھتىياجلىق بولغان كالتسىينى يېمەك-ئىچمەككە تايىنىپ تولۇقلىساقمۇ بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، سۈت، پۇرچاق قاتارلىق يۇقىرى كالتسىيلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىپ، دورا بىلەن يېمەكلىكنى تەڭ تولۇقلىغاندا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى