• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    سەھەر تۇرىدىغانلارنىڭ بەدىنىدە مۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:00 23-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ياخشى بولغان ئەمگەك ۋە دەم ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە، تەن ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، ساقلىقنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشىلەر بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر تۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە ئارام ئالىدۇ، بولۇپمۇ ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇشقا تېخىمۇ دىققەت قىلىدۇ. ھەر كۈنى سەھەر تۇرغاندا، يېرىم يىلدىن كېيىن نۇرغۇن ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىشلەرنى بايقىغىلى بولىدۇ، سىزنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئەتىگەندە سەھەر تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغاندا، روھىي ھالەتنىڭ تېخىمۇ ياخشىلانغانلىقىنى، قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ بەدەننىڭ ۋە كەيپىياتنىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتكە يەتكەنلىكىنى بايقايمىز. ئەكسىچە، ئەگەر ئادەم ھۇرۇنلۇق قىلىپ، ئورنىدىن تۇرۇشنى خالىمىسا، بارغانسېرى ھارغىنلىشىپ، ئۇخلىغانسېرى ئۇيقۇسى كېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ.

    روھىي جەھەتتىكى ئازادىلىك ئەڭ روشەن بولىدۇ، سەھەر تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغاندا پىسخىكا جەھەتتىن تېخىمۇ خۇشال بولغىلى بولىدۇ، بۇنداق خۇشاللىق تاڭ نۇرىغا ئەگىشىپ، كەيپىياتنى تېخىمۇ ئازادە قىلىدۇ، كىشى ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلىدۇ.

    بالدۇر ئۇخلاپ، ئەتىگەن تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، بەدەننى تەڭشەشكە ماس كېلىدۇ، ئىچكى ئاجراتمىلار قالايمىقانلىشىدىغان ئەھۋاللار پەيدا بولمايدۇ. بولۇپمۇ بەزى كىشىلەر كەچ ئۇخلاپ، كېيىن تۇرىدۇ، بۇ خىل ئارام ئېلىش ئۇسۇلى بەدەننىڭ ئەسلىدىكى مەشغۇلات قانۇنىيىتىنى، ئىچكى ئاجراتمىلارنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سېمىزلىك پەيدا بولىدۇ. بالدۇر ئۇخلاپ، سەھەر تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغانلار بەدەن شەكلىنى ناھايىتى ياخشى كونترول قىلالايدۇ.

    خىزمەتچىلەرنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى خىزمەت ھالىتى سەھەردە بولۇپ، بالدۇر ئۇخلاپ بالدۇر قوپۇشتا چىڭ تۇرسا، بىر كۈنلۈك خىزمەت، ئۆگىنىشنى بىر قەدەر ياخشى ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر ھورۇنلۇق قىلىپ ۋاقچە ئۇخلاپ، ئالدىراپ-تېنەپ ئىشقا بارسا، ناشتا قىلمىغانلىقتىن زېھنىي كۈچى يېتىشمەيدۇ ياكى ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتكەنلىكتىن، بەدەن تېخىمۇ چارچاپ، خىزمەت ھالىتىگە تەسىر يېتىدۇ، ھەتتا دىققىتىنى يىغالمايدۇ.

    ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇن، ئۇيقۇغا ئامراق كىشىلەر روھىي ھالىتىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا كەيپىياتى چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەكسىچە، ئەتىگەندە ھەمىشە سەھەر تۇرۇپ، ئۇيقۇسى قانسىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدىغان كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى ياخشى تۇرىدۇ. بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرىدىغانلار تۈنىگەنلەرگە قارىغاندا كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئاسان كونترول قىلالايدۇ.

    ياخشى دەم ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش تەن ساغلاملىقىنى ساقلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، كۆپچىلىكنىڭ كەچ سائەت 10دا ئۇخلاپ، ئەتىگەن سائەت ئالتىدە ئورنىدىن تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز،

    سەھەر تۇرغاندىن كېيىن ئەتىگەندە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلغاندا ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرگىلى، ھەرىكەت جەريانىدا ئىچكى ئەزالارنى تەڭشەپ، ئىچكى ئەزالارنىڭ ھەرىكىتىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ. سەھەر تۇرغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ناشتا قىلىۋالغىلىمۇ بولىدۇ.

    ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرساق، يېرىم يىلدىن كېيىن بەدىنىمىزدە مۇشۇنداق كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، ياخشى ئارام ئېلىش سالامەتلىكىڭىزنى ساقلاشنىڭ ئاساسى، بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر قوپۇپ، بەدىنىڭىزنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرۇڭ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى