• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئوغلى يالغان سۆزلەپ ئاپىسىغا زىيانكەشلىك قىلدى

    مەنبە : mp.weixin.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 15:33 22-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    2-ئاينىڭ 15-كۈنى، سىرتقا ئىنتايىن ئاز چىقىدىغان بىر موماي مەلۇم بىر دوختۇرخانىنىڭ قىزىتما ئامبولاتورىيەسىگە كېسىلىنى كۆرسەتكىلى كەلگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە دوختۇر ئۇنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغان. موماي ۋۇخەندىن بېيجىڭغا كەلگەنلەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ئىنكار قىلغان، لېكىن يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى مۇسبەت بولۇپ چىققان. ۋۇخەنگە بارماي تۇرۇپمۇ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان، ۋىرۇس زادى قەيەردىن كەلگەن؟ كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش خادىملىرى تېز تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرگەن.

    2-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنى كونتىرول مەركىزىنىڭ مۇدىرى پاڭ شىنخو ئىنتايىن ئەگرى-توقاي بولغان تېز تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى تەكشۈرۈش مىسالىنى سۆزلەپ بەرگەن.

    تېز تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن سورىشى نەتىجىسىدە موماي ئاخىرى راست گەپ قىلغان:

    ئەسلىدە بۇ موماينىڭ ئىككى ئوغلى بار بولۇپ، موماي چوڭ ئوغلى بىلەن بېيجىڭدا تۇرىدىكەن. كىچىك ئوغلى ئايالى ۋە بالىسى بىلەن ۋۇخەندە تۇرىدىكەن. كىچىك ئوغلى ۋۇخەننىڭ تاقىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئامال قىلىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ چاڭشاغا كېلىپ، ئايروپىلانلىق بېيجىڭغا كەلگەن، ئاندىن تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئاكىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كەلگەن.

    كىچىك ئوغلىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ۋۇخەندىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھەمدە ئۆزىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر يەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، قەتئىي ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى قوغداش ئېڭىدە بولمىغان، ھەتتا باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقىت بولماي، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك سىرتقا چىقىپ مال، دورا سېتىۋالغان، تېز يوللانما قوبۇل قىلغان، ھەتتا مەھەللە كومىتېتى خىزمەتچىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، بېيجىڭدىن چىقىش رەسمىيىتىنى قانداق بېجىرىدىغانلىقىنى سورىغان.

    لېكىن، ئۇلار ۋۇخەندىن كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغان. ئۇ ۋاقىتتا بېيجىڭ ۋۇخەندىن كەلگەنلەرنى 14 كۈن ئايرىشنى ئېنىق تەلەپ قىلغان ۋاقىت بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغان.

    ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئاپىسى قىزىشقا باشلاپ، سەككىز كۈن يۆتەلگەن بولۇپ، ئۆيىدە بەرداشلىق بېرىپ تۇرغان. ئاخىر بەرداشلىق بېرەلمىگەندە ئاندىن دوختۇرخانىغا بارغان. بۇ موماي شۇ چاغدىمۇ راست گەپ قىلماي، ئۆيىدە ۋۇخەندىن كەلگەنلەرنىڭ بارلىقىنى دېمىگەن. كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزىدىكىلەر كۆپ قېتىم سورىسىمۇ دېمىگەن. ئاخىرىدا، ج خ خادىملىرىنىڭ ماسلىشىشى ۋە كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزىدىكىلەرنىڭ كۆپ قېتىم سورىشى بىلەن ئاخىرى راست گەپ قىلغان. بۇ مەزگىلدە، كىچىك ئوغلى ئاپىسىنىڭ قىزىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى پەرەز قىلغان. شۇنداقلا ئاپىسىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلۇپلا قالسا، ئۆز ئائىلىسىنىڭ يېقىن ئۇچراشقۇچىلار قاتارىدا، تېببىي كۆزىتىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىپ، مەركەزلىك ئايرىۋېتىلىشتىن قېچىش ئۈچۈن، بىر ئائىلە ئۈچ جان باشقا ئۆي ئىجارە ئېلىپ يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، كىچىك ئوغلى قېچىپ قۇتۇلالمىغان، 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇنىڭ يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشى مۇسبەت بولۇپ چىققان.

    كىچىك ئوغلى ياشانغان ئاپىسىغا زىيانكەشلىك قىلىپلا قالماي، يەنە ئۆز قىلمىشى تۈپەيلى، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى يۇقۇملاندۇرغان بولۇشى مۇمكىن.

    بۇ مىسال كۆپچىلىككە مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ:

    1. يالغان سۆزلىمەسلىك كېرەك! يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر رايوندىن كەلگەن ياكى ئۇلار بىلەن ئۇچراشقانلار كېسىلىنى كۆرسەتكەندە چوقۇم دوختۇرغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىشى كېرەك.

    بۇ ئېنىق دىياگنوز قويۇپ، ۋاقتىدا داۋالاش تەدبىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزىدىكى خادىملارغا ئۆزىنىڭ سەپەر تارىخىنى ئەينەن ئېيتقاندا، خادىملار زىچ ئۇچراشقۇچىلارنى ۋاقتىدا جەزىملەشتۈرەلەيدۇ، كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.

    2. تەلەي سىنىماسلىق كېرەك! يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر رايوندىن كەلگەنلەر چوقۇم 14 كۈنلۈك تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈنلا بولۇپ قالماي، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭمۇ ساغلاملىقى ئۈچۈندۇر.

    3. ھەممە ئادەم قانۇنغا ئاڭلىق بويسۇنۇشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئۈچۈن، ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، شەھەر بىخەتەرلىكىنى ئاڭلىق قوغدىشى كېرەك.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى