• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    كېسەل ئېغىزدىن كىرىدۇ: دوختۇرلار ئەزەلدىن بۇ تۆت نەرسىنى يېمەيدۇ

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 13:21 21-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    راك كېسىلى تىلغا ئېلىنسىلا نۇرغۇن كىشى قورقۇپ، ئۆزىنى راك كېسىلىدىن يىراق تۇتۇشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، راك كېسىلىنىڭ كۆپ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب يېمەك-ئىچمەك، بەزى يېمەكلىكلەر راك پەيدا قىلىدۇ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولسا، بۇ يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇڭ!

    سىپارى: سىپارىنى تەييارلاش جەريانىدا ئالكالوئىد دەيدىغان بىر خىل خىمىيەلىك ماددا ھاسىل بولىدۇ. بۇ ماددا ئادەم بەدىنىدە كۆپ توپلانسا، ئەزالاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە چىش ئاسانلا قارىداپ كېتىدۇ، ئۇزاق مۇددەت يېسە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى يىرىك تالا ئادەمنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

    پىشمىغان قۇلۇلە: قۇلۇلىغا ئامراق بىر خىل شورىغۇچ قۇرت بار، ئەگەر قۇلۇلە تولۇق پىشمىسا، بۇ قۇرت ئۆلمەي قالىدۇ، ئادەم قۇلۇلىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، بۇ قۇرت ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، جىگەر تالالىشىش، جىگەر قېتىشىش قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ، ھەتتا جىگەر راكى قاتارلىق راك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    تۇزلانغان يېمەكلىكلەر: تۇزلانغان بېلىق ھاسىل قىلغان دى مېتىل نىترىت تۇزى بەدەندە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا دىمېتىل نىترىتقا ئايلىنىدۇ. تۇزلانغان تۇخۇم، تۇزلانغان كۆكتات قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىمۇ ئوخشاشلا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بار، شۇڭا ئاز يېيىش كېرەك.

    كۆكىرىپ قالغان يېمەكلىكلەر: گۈرۈچ، بۇغداي، پۇرچاق، كۆممىقوناق، يەر ياڭىقى قاتارلىق يېمەكلىكلەر ئاسانلا نەملىشىپ كۆكىرىپ قالىدۇ، ئۇلار زەمبۇرۇغ بىلەن بۇلغانغاندىن كېيىن راك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زەھەرلىك ماددا ئافلاتوكسىن ھاسىل بولىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى