• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئۇزۇن مۇددەت ئۆيدە تۇرغاندا قانداق ئوزۇقلىنىش كېرەك؟

    مەنبە : uyghur.people.com.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 13:19 21-02-2020
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

      كىرىش سۆز: يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئالدىدا، ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەربىر ئادەم ئۈچۈن زۆرۈر

      ئۇزاق ۋاقىت ئۆيدە تۇرغاندا، ئادەتتىكى ئاممىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟ مۇخبىر يېقىندا جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى خې لىنى زىيارەت قىلدى.

      ئۇزاق ۋاقىت ئۆيدە تۇرغاندا، يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؟

      خې لى: ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماقنى ياخشى يېيىش كېرەك. يېمەكلىكنىڭ كۆپ خىللىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ھەر كۈنى دانلىق زىرائەت، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، چارۋا-ئۆي قۇشى، بېلىق، تۇخۇم، سۈت، سېرىق پۇرچاق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەر بولۇش كېرەك، پۈتۈن دانلىق زىرائەت، ئارىلاشما پۇرچاق تۈرى ۋە ياڭيۇ تۈرىدىكىلەرنى تاللاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ھەربىر غىزادا كۆكتات بولۇش، كۈندە مېۋە يېيىش، قېنىق رەڭلىك كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپرەك تاللاش، دائىم پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى يېيىش، مۇۋاپىق مىقداردا قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېيىش كېرەك.

      ۋاقتىدا ئارام ئېلىش، ئوزۇقلىنىش بىلەن ھەرىكەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك. ئالاھىدە مەزگىلدە بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرماسلىق، قارىغۇلارچە ئورۇقلىماسلىق كېرەك. ئاددىي بولغان ئۆيدە تۇرىدىغان كۈنلەر گەرچە ناھايىتى راھەت بولسىمۇ، لېكىن تەن ساغلاملىقى ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ يەنىلا ھەر كۈنى مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن ھەرىكەت ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۇ، ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى تۇرۇشىمىزغا پايدىلىق. ئەگەر سىرتقا چىقىش ئەپسىز بولسا، ئۆيدە بەك چوڭ مەيدان تەلەپ قىلمايدىغان كىچىك ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا بولىدۇ، مەسىلەن، رادىيو گىمناستىكىسى ئويناش، سېلىنچا ھەرىكىتى، تەپكۈچ تېپىش، ئېلاستىك تاسما تارتىش قاتارلىقلار.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى